جەنۇبىي ئامېرىكىدا پۇتبول مۇسابىقىلىرى ۋاقىتلىق توختىتىلدى

جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبول كونفېدېراتسىيەسى كولومبىيەدە يۈز بەرگەن ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدىن كېيىن، بارلىق مۇسابىقىلەرنى يېڭى ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغىچە توختاتقانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

620525
جەنۇبىي ئامېرىكىدا پۇتبول مۇسابىقىلىرى ۋاقىتلىق توختىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئامېرىكا كونفېدېرتسىيەسىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، بىرازىلىيە چاپېكوئېنسە كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى ئولتۇرغان يولۇچىلار ئايروپىلانى كولومبىيەنىڭ مېدېللىن شەھىرىدە چۈشۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن بارلىق مۇسابىقىلەر يېڭى ئۇقتۇرۇش قىلىنغىچە ۋاقىتلىق توختىتىلغان.

جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبول كونفېدېراتسىيەسى باشلىقى ئالېجاندرو دومىنگۇئېزنىڭ مېدېللىن شەھىرىگە يېتىپ بارغان.

ئايروپىلان ۋەقەسىگە ئۇچرىغان بىرازىلىيە كوماندىسى 1-دېكابىر (پەيشەنبە) كولومبىيەنىڭ ئاتلېتىكو نەيشىنېل كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشەتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر