شېھىتلارغا بېغىشلانغان مارافونچە يۈگرەش مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

«15 – ئىيۇل شېھىتلىرى ئۈچۈن يۈگرەيمىز» دېگەن شوئار ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋودافون 38- نۆۋەتلىك ئىستانبۇل مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

609670
شېھىتلارغا بېغىشلانغان مارافونچە يۈگرەش مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «15 – ئىيۇل شېھىتلىرى ئۈچۈن يۈگرەيمىز» دېگەن شوئار ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋودافون 38- نۆۋەتلىك ئىستانبۇل مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر تۈرىدە ئەزەربەيجانلىق ئەۋانس كىپلاگات بىرىنچى، ئېفىيوپىيەلىك شۇرا كىتاتا تولا ئىككىنچى، كېنىيەلىك پېتېر كىپتو كىتالاگات ئۈچىنچى ؛ مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار تۈرىدە كېنىيەلىك ئاگنېس بارسوسىئو بىرىنچى بولدى.

1979 – يىلىدىن بۇيان  ھەر يىلى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قىتئەلەر ئارا تۇنجى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدىغان ۋودافون ئىستانبۇل مارافونى، 42 كىلومېتىر 195 مېتىر، 15 كىلومېتىر،  10 كىلومېتىرلىق مارافون ۋە قەھرىمان مارافونى بولۇپ جەمئىي 4 ئاساسىي كاتېگورىيەدىن تەشكىل تاپىدۇ.

ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە تەنتەربىيە ھەسسىدارلىق شىركىتى تەرىپىدىن ۋودافوننىڭ ئىسىم كاپالەتچىلىكى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقە ئالتۇنىزادەدە باشلاندى، 42 كىلومېتىرلىق مارافون سۇلتانئەھمەدتە ئاخىرلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر