خەلقئارا شاھمات ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدىن تۈركىيەگە خۇش خەۋەر
176 دۆلەتتىن 325 شاھمات ماھىرلىرى گۇرۇپپىسى رىقابەتكە چۈشكەن خەلقئارا شاھمات ئولىمپىك مۇسابىقىلىرى ئاخىرلاشتى.
570754
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا شاھمات ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە تۈركىيە چوڭ ئۇتۇققا ئېرىشتى.
ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا 42 – نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا شاھمات ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە تۈركىيە ئوچۇق كاتېگورىيە بويىچە 6 – بولدى.
176 دۆلەتتىن 325 شاھمات ماھىرلىرى گۇرۇپپىسى رىقابەتكە چۈشكەن خەلقئارا شاھمات ئولىمپىك مۇسابىقىلىرى ئاخىرلاشتى.
شاھمات مۇسابىقىلىرىدە، 10 ماھىر بىلەن رىقابەتكە چۈشكەن تۈركىيە ماھىرى ئوچۇق كاتېگورىيە بويىچە 7 غالىبىيەت، 2 قېتىم تەڭلىشىش ۋە 2 مەغلۇبىيەت بىلەن 6 – بولدى. شۇنداق قىلىپ، تۈركىيە ماھىرى مۇشۇ كاتېگورىيە بويىچە شاھمات تارىخىنىڭ ئەڭ ياخشى دەرىجىسىگە ئېرىشكەن بولدى.