بىر ئىشنى كېچىكتۈرۈش كېسەللىكمۇ ياكى ھورۇنلۇقمۇ؟

كۆزنەك (61)

2058188
بىر ئىشنى كېچىكتۈرۈش كېسەللىكمۇ ياكى ھورۇنلۇقمۇ؟

بىر ئىشنى كېچىكتۈرۈش كېسەللىكمۇ ياكى ھورۇنلۇقمۇ؟

 گەرچە بىر ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا قىلماي كېچىكتۈرۈش خاھىشى «ئادەمنى بىزار قىلىدىغان» دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئىلمىي ساھەدە بۇ خاھىشقا تېخى «كېسەللىك» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگىنى يوق.

زامانىمىزدا ئىنسانلار ئەڭ چوڭ دۇچ كېلىۋاتقان سىناقلاردىن بىرى كېچىكتۈرۈشتۇر ... نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ.

كېچىكتۈرۈش خاھىشى ھەممىمىزنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا بولىدىغان بىر خاھىشتۇر. ئەسلىدە كېچىكتۈرۈش خاھىشى «تۇرمۇش رىتىمىمىزنىڭ بۇزۇلۇشى» بولۇپ، ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقان تەقدىردە، كۈندىلىك ھاياتىمىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. ھەممە ئادەمدە كۆرۈلىدىغان بۇ خاھىش تەخمىنەن% 20 ئادەمدە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ «سۇزۇلما خاراكتېرلىك خاھىش» قا ئايلىنىپ قالىدۇ.

كېچىكتۈرۈش خاھىشى كېسەللىكمۇ ياكى ھورۇنلۇقمۇ؟

كېچىكتۈرۈش خاھىشى ئادەتتە «كىشىلىك خاھىش» دەپ قارالغانلىقتىن، كۆپىنچە كىشىلەر بۇ ئەھۋالنى پەقەت «ھورۇنلۇق» دەپلا چۈشەندۈرىدۇ. لېكىن، بۇ خىل خاھىشقا دۇچ كەلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەھۋالنىڭ ئويلىغاندەك ئۇنچە ئاددىي ئەمەسلىكى ئايدىڭلاشتى.

گەرچە بىر ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا قىلماي كېچىكتۈرۈش خاھىشى «ئادەمنى بىزار قىلىدىغان» دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئىلمىي ساھەدە بۇ خاھىشقا تېخى «كېسەللىك» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگىنى يوق.

ئۇنداقتا (ئۆز ۋاقتىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىزنى) نېمىشقا كېچىكتۈرىمىز؟

بۇ توغرىدا نۇرغۇن پەرەزلەر بار. بۇ پەرەزلەردىن بىرى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ كەمچىل بولۇشىدۇر. ئىشنى پۇختا قىلىدىغان كىشىلەر ئۆزلىرى قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئىشنى «ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالمايمەن» دەپ ئويلىغاندا كېچىكتۈرۈش يولىنى تاللىشى مۇمكىن. بۇلاردىن باشقا، يەنە ۋاقىتنى ياخشى باشقۇرالماسلىق، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىقتىن ئەنسىرەش، تەشۋىشلىنىش، ھەددىدىن زىيادە ھاياجانلىنىش ۋە خىزمەت تاللاشنىڭ نامۇۋاپىق بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېچىكتۈرۈش يولىنى تاللايمىز.

كېچىكتۈرۈش خاھىشىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟

ئالدى بىلەن بىز بۇ خاھىشنىڭ بىزدە بالىقىنى ۋە قانچىلىك زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك. ئاندىن توغرا ۋە ئۈنۈملۈك ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. سوزۇلما خاراكتېرلىك كېچىكتۈرگۈچىلەر مەسئۇلىيەتلىرىنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن ئاممىۋى تاراتقۇلار ۋە ئىنتېرنېتنى ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، بىز ئاممىۋى تاراتقۇلارغا سەرپ قىلىدىغان ۋاقىتقا چەكلىمە قويۇشىمىز كېرەك. شۇنداقلا بىر ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش خاھىشىدىن ۋاز كېچىشىمىز كېرەك.

كېچىكتۈرۈش خاھىشى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزگە، خىزمەت-مەكتەپ تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسەتسە، مىجەز - خاراكتېرىمىز ئۆزگىرىپ كەتسە، بىز بۇ خاھىشنى كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ بىرتەرەپ قىلىشىمىز كېرەك.

مەنبەسى: TRT Haber



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر