تۈركىيەنىڭ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى رېكورت ياراتتى

ماھمۇت گۈرەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تۈركىيەنىڭ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ رېكورت ياراتقانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

2138665
تۈركىيەنىڭ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى رېكورت ياراتتى

تۈركىيەنىڭ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى رېكورت ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ يەر شارى توك ئىشلەپچىقىرىشدىكى نىسبىتى 2023-يىلى تۇنجى قېتىم 30% تىن ئاشتى. تۈركىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ %42 ىنى بۇ مەنبەلەردىن ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى.

خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتلىرىغا قارىغاندا، دۇنيانىڭ توك ئېھتىياجى 2023-يىلى رېكورت دەرىجىدە ئۆرلەپ، 29.5 تېراۋات سائەتكە يەتكەن؛ باشقىچە ئېيتقاندا، گەرچە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ئېلېكتىر ئىستېمالى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، يەر شارىنىڭ توك ئېھتىياجى بۇلتۇر %2.2 ئاشقان.

توك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش تۈرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتى ئەڭ تېز  تەرەققىي قىلغان مەنبە، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسى بولدى. بۇ جەھەتتە قۇياش بىلەن شامال ئېغىر سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، 2023-يىلى دۇنيا مىقياسىدىكى توك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ %7.8 ىنى شامال ئېنېرگىيەسى، %5.5 نى قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىگىلىدى.

ئۆتكەن يىلى قۇياش ئېنېرگىيەسىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى %23.2 ئېشىپ، يىللىق توك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئەڭ كۆپ مەنبە بولدى ھەمدە قۇياش ئېنېرگىيەسى سېلىنمىلىرى ئۇدا 19 يىلدىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدىكى ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز توك مەنبەسى بولۇپ قالدى...

شامال ئېنېرگىيەسىدىن توك ئىشلەپچىقرىىشمۇ 2023- يىلى 2022-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، يەر شارى مىقياسىدا %9.8 ئاشتى.

كىلىمات ئۆزگىرىشى يەر شارىنىڭ توك ئىشلەپچىقىرىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى. ھىدرو ئېلېكتىر بايلىقىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %2 تۆۋەنلەپ، %14.3 چۈشۈپ قالدى. شۇنداق قىلىپ، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ يەر شارىنىڭ توك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئومۇمىي نىسبىتى تۇنجى قېتىم %30 تىن ئېشىپ كەتتى.

قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ رېكورت سەۋىيەسىدە ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىدىمۇ رېكورت سەۋىيەدە تۆۋەنلىدى؛ يەر شارى توك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى كاربون تۆت ئوكسىد زىچلىقى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازىيىپ، 2007-يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى كۆرسەتكۈچكە سېلىشتۇرغاندا، %12 تۆۋەنلىدى.

كۆمۈر ۋە تەبىئىي گازنىڭ يەر شارى توك ئىشلەپچىقىرىشتىكى نىسبىتى بۇلتۇر ئايرىم-ئايرىم ھالدا %35.4 ۋە %22.5 بولدى. 2023-يىلى كۆمۈردىن توك چىقىرىش نىسبىتى %1.4، تەبىئىي گازدىن توك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى %0.8 ئاشتى.

2023-يىلى يادرو ئېنېرگىيەسىدىن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش %1.8 ئېشىپ، ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىشتا %9.1 ئۈلۈشنى ئىگىلىدى.

تۈركىيەدىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە شامال ئېنېرگىيەسىدىن توك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى يەرشارى سانلىق مەلۇماتلىرىدىنمۇ يۇقىرى بولدى؛ تۈركىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ %42 تىنى قايتا ھاسىل بولىدىغان مەنبەلەردىن ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى. تۈركىيەنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ %6 ى قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن، %10 ى شامال ئېنېرگىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، سۇ ئېلېكتىرى يەنىلا %20 لىك ئەڭ چوڭ قايتا ھاسىل بولىدىغان توك مەنبەسى بولۇپ قالدى.

ئۆتكەن يىلى، تۈركىيەدىكى توكنىڭ 58 پىرسەنتى فوسېل (تاشقاتما) يېقىلغۇدىن ئىشلەپچىقىرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر