سايلامدىن كېيىنكى تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (40)

1994241
سايلامدىن كېيىنكى تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى

 

سايلامدىن كېيىنكى تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (40)

(مۇرات يېشىل تاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «سايلامدىن كېيىنكى تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ****** ****

سايلامدىن كېيىنكى تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى ھەققىدە پاراڭلىشىدىغان مۇھىم بىر پەيتتە تۇرماقتىمىز. بىز جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سايلامدا غەلىبە قىلسا، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئىزچىللىق يارىتىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان ئىدۇق. ئۇنداقتا تاشقى سىياسەتتىكى يېڭى دەۋرنىڭ گەۋدىلىك تېمىلىرى قايسىلار؟ بىزنى قانداق تاشقى سىياسەت مۇساپىسى كۈتۈۋاتىدۇ؟

تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ كۈن تەرتىپىدىكى ئەڭ مۇھىم تېما سۈرىيە بولىدىغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى سۈرىيە مەسىلىسى نۇرغۇن جەھەتتىن تۈركىيەگە يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلىدۇر. تېرورلۇققا قارشى كۈرەش، پاناھلانغۇچىلارنىڭ قايتىشى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق باشقا ئاكتىيورلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ بېكىتىلىشى قاتارلىقلارمۇ مەزكۇر تېمىلار ئارىسىدا ئەلۋەتتە. بۇ ۋەجىدىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىشى سۈرىيە مەىسىلىسىدە داۋاملىشىۋاتقان مۇساپىنى توختىتىپ قويماستىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇشتۇر. داۋاملىشىۋاتقان مۇساپىغا قارايدىغان بولساق، مەلۇم يول خەرىتىسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرۈلەيمىز. موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ ئاخىرقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن بۇ يول خەرىتىسىنىڭ تۆت خىل فورماتتا داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. پاناھلانغۇچىلارنىڭ قايتىشى، تېرورلۇققا قارشى كۈرەش ۋە سۈرىيە مەسىلىسىدە كەڭ كۆلەملىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش بۇ يول خەرىتىسىنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرى ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيەنىڭ پاناھلانغۇچىلارنىڭ قايتىشىغا دائىر تېخىمۇ كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. سۈرىيەنىڭ شىمالىدا قايتقۇچىلار ئۈچۈن باشلانغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى لەيىھەسى بۇ سىياسەتنىڭ كونكرېت كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئەمما ي پ گ مەسىلىسىنىڭ قانداق ھەل بولىدىغانلىقى ۋە قايسى ۋاقىت جەدۋىلىگە بىنائەن ئىلگىرىلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق.

يەنە بىر تەرەپتىن پاناھلانغۇچىلارنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى رايونلارغا قانداق قايتىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئەمما پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئەسەدنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا قايتىشنى خالىمايدىغانلىقى ئىنتايىن روشەن. چۈنكى بۇ رايونلاردا پاناھلانغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېغىر ئەندىشىلەر مەۋجۇت. لېكىن بۇ نۇقتىدا ئەسەد بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ يېقىنقى ئايلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇزاكىرىلىرىنىڭ پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ جەھەتتە ئەڭ يېنىكلەيدىغان دۆلەتنى تۈركىيە دېيەلەيمىز. شۇڭلاشقا پاناھلانغۇچىلارنىڭ قايتىشى مەسىلىسىنى ئەرەب  دۆلەتلىرى بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىش، تېخىمۇ ساغلام ۋە پىلانلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى مۇمكىن.

دەرۋەقە، سۈرىيە مەسىلىسىنى پەقەتلا پاناھلانغۇچىلار ۋە تېرورلۇققا قارشى كۈرەش دائىرىسىدىلا مۇزاكىرە قىلىشقا بولمايدۇ. ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن جەنۋە مۇساپىسىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش كېرەك. يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارى دائىرىسىدە ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىش، سۈرىيەدە سايلام ئۆتكۈزۈش ۋە ئۆتكۈنچى باسقۇچنى لايىھىلەپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. سۈرىيەدىكى بارلىق دىنامىكلارنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ نىشاننىڭ ھازىرچە خېلىلا ئۇزاقتا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.‎ ‎

تاشقى سىياسەتنىڭ بۇ يېڭى مەزگىلىدە بىز ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايدىغان يەنە بىر تېما ئۇكرائىنادا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتۇر. بۇ ئۇرۇش جەريانىدا تۈركىيەنىڭ يولغا قويغان تاشقى سىياسىتىنى نەزەردە تۇتقىنىىمىزدا، ئۇكرائىنا كرىزىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسەت مەيدانىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى  يول خەرىتىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان دەرىجىدە مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. تۈركىيەنىڭ بىرىنچى مۇھىم ئىشى ھازىرقى مەيدانىنى مۇقىم ھالەتتە ساقلاپ قىلىشتۇر. باشقىچە ئېيتقاندا، تۈركىيە ئۇكرائىنا كرىزىسىدا مۇرەسسەچى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، كرىزىس سەۋەبىدىن ھەم ئۆزىگە ھەم خەلقئاراغا مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق مەسىلىلەردە ھەل قىلىش چارىسى نۇقتىسىدىن ئورنىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇشنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاشماسلىقىنى ياكى باشقا دۆلەتلەرگە كېڭەيمەسلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ. رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ئەمدىلىكتە ئۇكرائىنا كرىزىسى بىلەن تېخىمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك دېيىشكە بولىدۇ.

تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ قانداقتۇر ئۇكرائىنا مەسىلىسى بىلەنلا چەكلىك ئەمەس، ئەمما ئۇكرائىنا مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىكىمۇ روشەن. شۇڭلاشقا ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە بىرەر چوڭ ئۆزگىرىش بولىشى مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ. لېكىن ئۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە پاراللېل ھالدا تۈركىيە بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر مۇناسىۋەت مودىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەكلىكى ئېنىق. ئەمدىلىكتە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا بولغان ئەھمىيىتى تېخىمۇ روشەن ھالدا چۈشىنىشىدىغان ھالغا كېلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ياۋروپا بىلەن ئامېرىكانىڭ رۇسىيەنى ئۇكرائىنادا  مەغلۇب قىلىش سىياسىتىنىڭ زادى قانچىلىك ئىزچىلىققا ئىگە ئىكەنلىكىمۇ مۇھىم بىر مەسىلە. ھازىرقى سىياسەتلەرنىڭ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشتىن باشقا ئىشقا يارىمايۋاتقانلىقى ۋە ئاخىرىدا پۈتكۈل ياۋروپانى مۇقىمسىزلاشتۇرىدىغان ھالەتكە ئايلىنىۋاتقانلىقى ئېنىق. بۇ ۋەجىدىن ئۇكرائىنا كرىزىسىگە قارىتا تۈركىيەنىڭ تۇتقان مەيدانى تۈپەيلى ياۋروپانىڭ تۈركىيەگە بېسىم ئىشلىتىشى ئانچە مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ. دەل ئەكسىچە بۇ يېڭى مەزگىلدە، ياۋروپاغا نىسبتەن تۈركىيەنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا يېڭى بىر مۇناسىۋەت مودىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى تولىمۇ مۇھىم. باشقىچە ئېيتقاندا، تۈركىيە بىلەن جېدەل قىلىپ، تۈركىيىگە قارشى مەيدانىنى كېڭەيتىپ ياكى تۈركىيەگە قارشى فرونت شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق تۈركىيەنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئۇكرائىنا كرىزىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خەتەر ئېلىپ كەلمەسلىكى ئۈچۈن ياۋروپا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر گېئوپوتىكىلىق كېلىشىش يارىتىلىشى لازىم.  بۇ كېلىشىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، تۈركىيەنىڭ مەيدانى ئىنتايىن ئېنىق. تۈركىيەنىڭ مەنپەئىتى ۋە بىخەتەرلىكى پەقەت ياۋروپا بىلەنلا ماسلىشالايدىغان، ئەمما زۆرۈر تېپىلغاندا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلالايدىغان سىياسىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. يەنى نە ياۋروپا بىلەن ئوخشىمىغان سەپتە ئورۇن ئېلىش، نە ياۋروپانىڭ رۇسىيەگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى  سوئالسىز قوبۇل  قىلىش ئەمەس. بۇ يېڭى مەزگىلدە تۈركىيە-ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا مۇشۇ بولىدىغاندەك قىلىدۇ.

بۇ يېڭى مەزگىلنىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىلىرىدىن يەنە بىرى تۈركىيە- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بولۇپ، ياخشى بىر مەزگىلدىن ئۆتىۋاتىدۇ، دېيىش مۇمكىن ئەمەس. تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ دىنامىكلىرى، ئورتاق مەنپەئەت تونۇشى ۋە تەھدىت چۈشەنچىسى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆزگەرگەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. ھازىر ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا سىستېمىنىڭ ئاساسلىق دىنامىكلىرى تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە. شۇنداقتىمۇ ئورتاق مەنپەئەت ساھەسىدە بەزى ئىزچىللىق ئامىللىرى مەۋجۇت، ئەمما مەنپەئەت ئورتاق بولمىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرمۇ بار.

مەسىلەن، تېرورلۇققا قارشى كۈرەش شۇلارنىڭ بىرى. لېكىن ي پ گ مەسىلىسى ئورتاق تەھدىت بوللۇشتىنمۇ بەكرەك تۈركىيەگە نىسبەتەن ئامېرىكا مەركەزلىك بىر تەھدىت دەپ قارالماقتا. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. شۇنداقتىمۇ بۇ يېڭى مەزگىلدە ئىلگىرىلەشنى مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان بەزى خۇسۇسلار بار. مەسىلەن؛ F 16 ئايروپىلانى مەسىلىسدە ئىلگىرىلەش بولۇشى مۇمكىن. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ئىقتىسادنىڭمۇ ئالدىنقى قاتاردىكى تېما ئىكەنلىكىنى ئېيتالايمىز. بۇ نۇقتىدا، ئىككى تەرەپنىڭ سودا مۇناسىۋىتىنى 100 مىليارد دوللارلىق نىشانغا يەتكۈزۈش ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. قىسقىسى تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە يېڭى بىر ئىستراتېگىيەلىك رامكىغا ئېھتىياج بار. خۇددىي تۈركىيە-ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرىدىكىگە ئوخشاش تۈركىيەنىڭ بۇ يېڭى مەزگىلدە ئوخشاش گئېوپولىتىكىلىق رامكىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. باشقىچە ئېيتقاندا، تۈركىيە ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى مەركەز قىلغان پوزىتسىيەدە بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ مۇستەقىللىق ئامېرىكىغا قارشى ۋە توختىماي قارشىلىشىشدىغان شەكلىدە ئىلگىرىلىمەيدۇ.

يېڭى مەزگىلدە ئەڭ قىزىقارلىق تېمىلارنىڭ بىرسى ئوتتۇرا شەرق ۋە رايوننىڭ نورماللىشىشىدۇر. بۇ تاشقى سىياسەتتە مۇھىم ئامىل سۈپىتىدە داۋاملىشىدۇ. تۈركىيەنىڭ رايون خاراكتېرلىق نورماللىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتىلايمىز. ھەتتا رايون خاراكتېرلىق نورماللىشىش ھازىرچە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۆپ تۆھپە قوشالمىسىمۇ، توقۇنۇشلارنى توختىتىش، جىددىيلىكنى پەسەيتىش نۇقتىسىدىن رايوندىكى ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى كۈچەتىدۇ، دەپ قارالماقتا. بۇنداق بىر رايون خاراكتېرلىق شارائىت تۈركىيەنىڭ بولۇپمۇ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق. يېڭى مەزگىلدە ئوتتۇرا شەرق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە رامكا  تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدىغان بىر مەزگىل پەيدا بولىدىغاندەك قىلىدۇ.  

سايلامدىن كېيىنكى تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدە، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەرىكەتلىك بىر مەزگىلگە قەدەم قويىدۇ. قايتىدىن ئاسىياغا يۈزلىنىش تەشەببۇسى داۋاملىشىدۇ ۋە ئافرىقا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر يېڭى بىر باسقۇچقا ئۆتىدۇ. تۈركىيە خەلقئارا سىستېمىنىڭ جىددىيچىلىك ۋە رايوندىكى نورماللىشىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق خەلقئارادىكى ئورنىنى تېخىمۇ كۈچەيتكۈسى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر