كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئارتۋىن (1)...
نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ يېڭى سانىدا ئارتۋىننى ساياھەت قىلىمىز، قېنى دىققتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!
1960523

كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئارتۋىن (1)...
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قارادېڭىزدا بەزى كۈنلەردە ھاۋارايى تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىپ قالىدۇ. ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، دېڭىزدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئالدى بىلەن شامال چىقىدۇ، ئاندىن ئاسمان تۇيۇقسىزلا بۇلۇتلار بىلەن قاپلىنىدۇ-دە، دېڭىز دولقۇنلىنىشقا باشلايدۇ. لېكىن ئەنسىرىمەڭلار، بۈگۈن ئۇنداق كۈنلەردىن بىرى ئەمەس. چۈنكى بىزنىڭ كېمىمىز «سەيياھ» ھاۋارايى ياخشى بولغاندىلا دېڭىز سەپىرىگە چىقىدۇ. بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق، دېڭىز تىنچ. سەيياھتىكى ئورنۇڭلارنى ئېلىپ، بۇ سەپەردە بىزنى يالغۇز قويمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەھمەت. يولىمىز ئارتۋىن بولۇپ، ئاتلىنىشقا تەييارمىز.