جەلسۇس كۇتۇپخانىسى

بىلىۋېلىڭ - 51

1874191
جەلسۇس كۇتۇپخانىسى

جەلسۇس كۇتۇپخانىسى

دۇنياغا داڭلىق ئەفەس قەدىمكى شەھىرىدە، قەدىمكى دەۋرنىڭ ئەڭ چوڭ كۇتۇپخانىلىرىدىن بىرىنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟

 تارىختا پەلسەپە ۋە مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئەفەس قەدىمكى شەھىرى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ئەڭ مەشھۇر يادىكارلىق، مىسلىسىز تۈۋرۈكلىرى بىلەن ئادەمنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرىدىغان «جەلسۇس كۇتۇپخانىسى» دۇر. تەخمىنەن 12 مىڭ ئەسەرگە ساھىبخانىلىق قىلغان بۇ كۇتۇپخانا،  رىم دۇنياسىنىڭ ئىسكەندىرىيە ۋە بەرگامادىن قالسىلا ئۈچىنچى چوڭ كۇتۇپخانسى بولۇپ ، بۈگۈنكى ئاممىۋى كۈتۈپخانىلارغا ئوخشاش ئاممىغا مۇلازىمەت قىلاتتى.

رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر ئۈلگىسى بولغان جەلسۇس كۇتۇپخانىسى، «بىناكارلىق مۆجىزىسى» دەپ قارىلىدۇ. مول بېزەكلىك ئالدى تەرىپى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بۇ كۇتۇپخانىنىڭ كەڭلىكى 21 مېتىر، ئېگىزلىكى 17 مېتىر كېلىدۇ. بۇ كۇتۇپخانا قۇرۇلۇپ 130 يىلدىن كېيىن يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان. كۇتۇپخانىدىكى مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ۋەيران بولغان. ئالدى تەرىپى  1970-يىلدىن 1978-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئارخېئولوگلار تەرىپىدىن قايتا ياسالغانغا قەدەر ئەسىرلەر بويى خارابە ھالىتىدە قالغان.

كۇتۇپخانىنىڭ سىرتقى يۈزىدە، تۆت ئايال ھەيكەل بار بولۇپ، بۇلار پاراسەت ۋە ئەقىلگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سوفىيە، پەزىلەت ۋە جاسارەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئارېتې، ئىلىم-پەن ۋە بىلىمگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئېپىستېمې ۋە تەپەككۇرغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئېننويادۇر. بۇ ھەيكەللەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بۈگۈنكى كۈندە ۋېيېننا مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر