ئېلون ماسك دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئادەمگە ئايلاندىمۇ؟

ئالەم ساياھىتى، ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل ھەيدەش، ئېلېكتىرونلۇق قاتناش ۋە سۈنئىي ئىدراك، يېقىندا دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىنىڭ بىرى بولغان تۋىتتېر... ئېلون ماسك دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئادەمگە ئايلاندىمۇ؟

1832356
ئېلون ماسك دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئادەمگە ئايلاندىمۇ؟

ئېلون ماسك دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئادەمگە ئايلاندىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئالەم ساياھىتى، ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل ھەيدەش، ئېلېكتىرونلۇق قاتناش ۋە سۈنئىي ئىدراك، يېقىندا دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىنىڭ بىرى بولغان تۋىتتېر... شۇنداق، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلىيەلەيدىغان ۋە لايىھەلەيدىغان نۇرغۇن كارخانىلار ئېلون ماسكنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا. ئۇ يەنە، 250 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان بايلىقى بىلەن دۇنيا بازارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە. ئۇنداقتا، بۇ كۈچلەرنىڭ ھەممىسى ئېلون ماسكنى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئادەمگە ئايلاندۇردىمۇ؟ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ قاراشلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭ جاۋابى «شۇنداق، ئايلاندۇردى»دىن ئىبارەت.

«ماسكنىڭ بىر قاس چىقىرىشى بىلەن بازارلارنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگىرىدۇ»

ئېلون ماسك ئامېرىكادا نەشر قىلىنىۋاتقان 98 يىللىق ئۆتمەشكە ئىگە «تايم» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «يىلنىڭ مۇنەۋۋەر ئەربابى» دەپ باھالاندى؛ ژۇرنالنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋە باش مۇھەررىرى ئېدۋارد فېلسېنتال ماسك توغرىسىدا: «يىلنىڭ مۇنەۋۋەر ئەربابى بىر تەسىرنىڭ ئىشارىتىدۇر. يەر يۈزىدە ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا ئېلون ماسكقا ئوخشاش تەسىرگە ئىگە كىشى ناھايىتى ئاز. ماسك دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم سۈپىتىدىلا ئەمەس، ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىغا زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن بىر زات سۈپىتىدىمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى.

دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشىنىڭ ئۆز ئۆيى يوق، ئۇ يېقىندىن بۇيان مىراسلىرىنى سېتىۋاتىدۇ. ئۇ ئالەم بوشلۇقىغا سۈنئىي ھەمراھلارنى يوللاۋاتىدۇ. ئۆزى ئىشلەپچىقارغان، بېنزىن كەتمەيدىغان، ئاساسىي جەھەتتىن شوپۇرغا ئېھتىياج چۈشمەيدىغان بىر ئاپتوموبىلنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بىر قاس چىقىرىشى بىلەن بازارلارنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگىرىدۇ» دېدى.

ۋال كوچىسىدىكىلەرنىڭ نەزىرى ئېلون ماسكقا مەركەزلەشمەكتە

بىلۇمبېرگ يازغۇچىسى مات لېۋىننىڭ سۆزىگە قارىغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پاي بازىرى مەركىزى بولغان ۋال كوچىسى نۆۋەتتە ئېلون ماسكنىڭ ئېغىزىدىن چىقىدىغان سۆزلەرگە قارايدىغان بولۇپ قالغان.

تېسلا، سپەيسئەكس، نېئۇرالىنك، بورىڭ، ئوپېن ئال ۋە زىپ2 قاتارلىق شىركەتلىرى بىلەن تونۇلغان ئېلون ماسك، بۈگۈنگە قەدەر ئالەم تېخنىكىسىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ياراتتى. زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن 50 ياشلىق ماسكنىڭ ئالەم قاتنىشى شىركىتى — سپەيسئەكس ئاپرېلدا، ئامېرىكالىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئاي شارىغا قوندۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە كېلىشىم تۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولدى.

ماسك قايسى ساھەلەرنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەۋاتىدۇ؟

ئامېرىكالىق مىلياردېر ئېلون ماسك ئىجتىمائىي تاراتقۇ، ئالەم ساياھىتى، ئاپتوماتىك ھەيدەش، ئېلېكتىرونلۇق قاتناش ۋە سۈنئىي ئىدراك قاتارلىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلىيەلەيدىغان كەڭ دائىرىلىك سانائەتلەر ساھەسىدە ھەممىدىن ئۈستۈن دېيىشكە بولىدىغان دەرىجىدە تەسىرگە ئىگە. ماسكنىڭ نۇرغۇن ھەۋەسلىرى ئىچىدە كىشىلەرنىڭ A نۇقتىدىن B نۇقتىغا ئېرىشىش ئۇسۇلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۈتۈنلەي يېڭى B نۇقتا مۇمكىنچىلىكىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇ B نۇقتا ماسكنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان كىشىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، قىزىل پىلانېتا مارستۇر... ئۇ ئالدى بىلەن ئايغا، ئاندىن مارسقا بېرىش ئارزۇسىنى سپەيسئەكس شىركىتى ئارقىلىق روياپاقا چىقىرىشنى پىلانلىماقتا.

شەھەر تىرانسپورتىدا ماسك تەسىرى

ئېلون ماسك كىشىلەرنى مارس ياكى ئايغا چىقىرىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى ئۆيى ياكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈنمۇ تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ تۈرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشقا ئەڭ يېقىن بولغىنى، ئەلۋەتتە، بورىڭ شىركىتى تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان Hyperloop تۈرى بولۇپ، بۇ تۈر شەھەر ئىچىدە سائىتىگە 240 كىلومېتىر يول يۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلماقتا.

ئادەمنىڭ مېڭىسىگە كىرىشكە ئۇرۇنۇش تىرىشچانلىقى

ئېلون ماسك ئالەم بوشلۇقى ۋە قاتناش تېخنىكىسىدىن باشقا، ئىنسانلارنىڭ مېڭىسىگە ئېرىشىپ، بەزى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى پىلانلىماقتا. ئۇنىڭ نېرۋا تېخنىكىسى شىركىتى — نېئورولىنك، مېڭە ئۆزەكلىرىنى ئىنسانلاردا سىناق قىلىشنى ئاللقىغان باشلىۋەتتى. بۇ كەشپىياتنىڭ يېقىن مەزگىلدىكى مەقسىتى، ئالزىمېر ۋە پاركىنسون قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىن ئىبارەت.

ئىنسانلارغا ئىشلىتىش پىلانلىنىۋاتقان ھازىرقى لايىھە، ئادەم چېچىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى كەڭلىدىكى تۆت تال ئېلېكتىرود يىپ ۋە ئۇلارغا باغلانغان بىر ئۆزەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ ئۆزەكنىڭ نېرۋا ۋە ھۈجەيرە ئۇچلىرىنى غىدىقلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش نىشان قىلىنماقتا.

ئەڭ يېڭى قەدەم ئىجتىمائىي تاراتقۇ

دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىجتىمائىي ئالاقە قاناللىرىنىڭ بىرى بولغان تۋىتتېرغا مەبلەغ سالغان ئېلون ماسكنىڭ، ئەڭ ئاخىرقى قەدىمى شىركەتنى پۈتۈنلەي سېتىۋېلىش بولدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، شىركەتنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن 43 مىليارد دوللار تەكلىپ سۇنغان ماسكنىڭ تۋىتتېردا تولۇق پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇشىنىڭ پەردە ئارقىسىدا، ئۇنىڭ يېڭى ئەۋلاد تاراتقۇلارنى كەلگۈسىگە ماس ھالەتتە تەرتىپكە سېلىش ئارزۇسى ياتىدىكەن.

تۋىتتېرنىڭ 1 مىليارد 300 مىليون ئابۇنتىنىڭ پەقەت 330 مىليونىلا ئاكتىپ. ئابونتلارنىڭ ئارخىپلىرى ئاكتىپ قوللانغۇچىلارنىڭ كارخانىلار، سىياسىيونلار، سەنئەتكارلار ۋە باشقا نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئەربابلاردىن تەركىپ تاپىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

* * * * *

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى، يۇقىرىدا «گۈزەل يېڭىلىقلار» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى، ئومۇمىي 39 – بۆلۈمىدە، دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئەربابى ئېلون ماسك ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشتۇق.

مەنبە: TRT Haber



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر