لىكيا يولى

بىلىۋېلىڭ - 31

1807277
لىكيا يولى

دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل پىيادىلەر يوللىرىدىن بىرىنىڭ تۈركىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

فەتھىيەدىن باشلىنىپ ئانتالياغىچە سوزۇلىدىغان ئۇزۇن پىيادىلەر يولى، قەدىمكى دەۋردە بۇ رايوندا ياشىغان لىكيا مەدەنىيىتى سەۋەبىدىن «لىكيا يولى» دەپ ئاتالغان.

فەتھىيەدىن باشلىنىپ ئانتالياغىچە سوزۇلىدىغان بۇ پىيادىلەر يولى ھەققىدىكى تەتقىقات پائالىيەتلىرى، 1992-يىلى باشلانغان. ئەنگىلىيەدىن كېلىپ تۈركىيەدە ئولتۇراقلاشقان كەيت كلوۋ، 1999-يىلى تۇنجى بولۇپ لىكيا پىيادىلەر يولىدا ماڭغان كىشى بولۇپ قالغان. ئۇ، كېيىنچە، بۇ يولنى تەسۋىرلەپ كىتاب يېزىپ، لىكيا پىيادىلەر يولىنى دۇنياغا تونۇشتۇرغان.

ھەر خىل مەنبەلەردە «دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن  10 چوڭ  پىيادىلەر يوللىرىدىن بىرى» سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن لىكيا پىيادىلەر يولى، دۇنيا بويىچە ئەڭ گۈزەل مەنزىرىلىك 50 پىيادىلەر يوللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. مۇسابىقە يولىغا جايلاشقان گېلىدونيا ماياك مەنزىرىسى، 2007-يىلى تۈركىيەنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزىرىسى بولۇپ تاللانغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دۇنيادىكى بىر پاراخوت پۈتۈنلەي چىقىرىلالايدىغان تۇنجى سۇ ئاستى قېزىپ تەكشۈرۈش تەتقىقات ئورنىمۇ، بۇ رايوندىن كۆرگىلى بولىدىغان ئامېرىكا قولتۇقىدا تەسىس قىلىنغان.

تەخمىنەن 550 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى لىكيا پىيادىلەر يولى، تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ساياھەت رايونىغا جايلاشقان بولغاچقا، مول قونالغۇ ۋە قاتناش ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە. كىلىمات جەھەتتىن ئاقدېڭىز  مۇھىتىغا تەۋە بۇ رايوندا، قىش ئايلىرى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئىللىق ئۆتىدىغان بولغاچقا، پىيادە مېڭىش ۋاقتىمۇ بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر