ئالەم بوشلۇقىغا چىقىدىغان تۈرك كىم بولىدۇ؟

يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 27

1788371
ئالەم بوشلۇقىغا چىقىدىغان تۈرك كىم بولىدۇ؟

دۆلەتلىك ئالەم بوشلۇقى پىروگراممىسى دائىرىسىدە، بىر تۈرك، 2023-يىلى تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا چىقىدۇ. تېخى ئىلتىماس سۇنۇش ئىشلىرى باشلانماي تۇرۇپلا، تېلېفون ۋە ئېلخەتلەر يېغىپ كەتتى. ئۇنداقتا، تارىخ سەھىپىدىن ئورۇن ئالىدىغان ئاشۇ تەلەيلىك ئادەم كىم بولىدۇ؟

 جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «دۆلەتلىك ئالەم بوشلۇقى پىروگراممىسى» دىكى نىشانلار دائىرىسىدە، بىر تۈركىيە پۇقراسىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىشىدىن كېيىن، ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارىدىغان «ئالەم بوشلۇقى ساياھەتچىسى» نىڭ قايسى ئۆلچەملەرگە توشۇشى مەسىلىسىمۇ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئېلىشنى خالايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇنداقتا، ئادەم ئالەم بوشلۇقىغا چىقىدىغان ئاشۇ تەلەيلىك ئادەم ئەر بولامدۇ ياكى ئايالمۇ؟ ياش بولامدۇ ياكى ياشانغان كىشىمۇ؟ بەلكىم يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىرەيلەن 2023-يىلى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىشى مۇمكىن.

ئىلتىماس سۇنغۇچىلار ئارىسىدىن ئىككى ئادەم تاللىنىدۇ، ئەمما پەقەت بىرلا ئادەم پەۋقۇلئاددە ۋە مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىدۇ.

ئالەم بوشلۇقىغا چىقىشنىڭ شەرتلىرى بار.

 تۈركىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەردار ھۈسەيىن يىلدىرىم، ئالەم بوشلۇقىغا چىقىدىغان تۈرك ئالەم ئۇچقۇچىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ۋە ئىلتىماس سۇنغۇچىلارنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، سىز  ئۇ يەردە ئۇدا 10 كۈن ئەڭ ئاز بىر يېمەكلىك بىلەنلا چەكلىنىسىز، بەلكىم سىز ئۇخلاشتىمۇ قىينىلىشىڭىز مۇمكىن. دەرۋەقە، ئۇ يەرنىڭ مۇھىتىدا تارتىش كۈچى بولمايدۇ، شۇڭا، ئادەم بەدىنىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.  تارتىش كۈچى بولمىغاچقا، بوي ئۇزىرايدۇ، ئاندىن يەر شارىغا قايتىپ كەلگەندە نورمال ھالەتكە كېلىدۇ.»

ئالەم بوشلۇقىغا چىقىدىغان ئادەمنىڭ قان بېسىمى قاتارلىق ساغلاملىق مەسىلىسى بولماسلىقى، ھاراق ئىچمەسلىكى ۋە تاماكا چەكمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېيتقان يىلدىرىم، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «مەنمۇ بىلمەيتتىم، يېقىندا خەۋەر تاپتىم. مەسىلەن، سۆڭەك سۇنۇش بولماسلىقى كېرەك، بۇمۇ توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن. بىز ئويلاپ يېتەلمەيدىغان ئۆلچەملەر بار. چوڭ ئوپېراتسىيە قىلىنمىغان بولۇشى كېرەك.»

 تەن ساغلاملىقى ئىنتايىن مۇھىم، ئەمما يېتەرلىك ئەمەس. ئالەم بوشلۇقىغا سەپەر قىلغۇچىنىڭ روھىي ھالەت جەھەتتىنمۇ كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. تۈركىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يىلدىرىم، بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئالەم بوشلۇقىغا ئوخشىغان ناھايىتى يات ۋە ئىنتايىن مۈشكۈل مۇھىتتا توغرا قارار چىقىرىش، تېز ھەرىكەت قىلىش ۋە پىسخىكىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماستىن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش قاتارلىق خۇسۇسلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىدىغان تۈرك بۇ يىل بېكىتىلىدۇ.

تۈرك ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ قايسى دۆلەتتىن ئالەم بوشلۇقىغا چىقىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. رۇسىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا.

تاللاش ئىشلىرى ئالدىمىزدىكى ئايلاردا باشلىنىدۇ. ھەممىنىڭ دىققىتى، 2023-يىلىنىڭ بىرىنچى چارىكىدە ئالەم بوشلۇقى سەپىرىگە بۇرۇلىدۇ.

مەنبەسى: TRT Haber



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر