دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ قىرغىزىستان ۋا تاجىكىستان زىيارىتى

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 81

1675729
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ قىرغىزىستان ۋا تاجىكىستان زىيارىتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە قىلغان زىيارىتى

 ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، 2021-يىلى، 28-ئىيۇندىن 2-ئىيۇلغىچە قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولدى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاقار، 28-ئىيۇن قىرغىزىستانغا يېتىپ باردى. خۇلۇسى ئاقار قىرغىزىستاندا مەنسەپدىشى تائالايبېك ئومۇراليېۋ تەرىپىدىن ھەربىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى. ئىككى مىنىستىر ئالدى بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى، ئاندىن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلدى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاقار، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار ۋە  رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلەر 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ئىزچىل داۋاملاشماقتا. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاقار، يەنە بىشكەكتىكى ئاتابېيت ئابىدەسى ۋە چىڭگىز ئايتماتوۋ ئۆي مۇزېيىنىمۇ زىيارەت قىلدى. ئۇ مۇزېيدىكى خاتىرە دەپرىتىنى ئىمزالىدى.

6-ئاينىڭ 30-كۈنى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاقار تاجىكىستانغا ئۆتتى. ئاقار دۈشەنبەدە مەنسەپدىشى شىرئەلى مىرزو تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى. ئاندىن ئككى تەرەپلىك ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلدى. زىيارىتىنىڭ ئاخىرىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاقار تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاقار، زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيەگە قايتىشىدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستانلىق كەسىپداشلىرىنى تۈركىيەدە چاقىرىلىدىغان دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى. قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ئارمىيەلىرى تۈركىيە ئىشلەپچىقىرىۋاتقان مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقماقتا. بولۇپمۇ تۈركىيە ئىشلەپچىقىرىۋاتقان زېنىت توپلار، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا  ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى موھتاجتۇر.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئاقار، تەلىم - تەربىيە، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش مەسىلىلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەربىي تەلىم - تەربىيە، ئۇچۇر ۋە ئاخبارات ئالماشتۇرۇش، مۇداپىئە سانائىتىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، يېڭى ئەۋلاد قورال – ياراغلار بىلەن تەمىنلەش ۋە تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇ ۋەجىدىن، بۇ ساھەدە قويۇق ھەمكارلىقنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى بارلىق تەرەپلەرگە پايدىلىقتۇر.

تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان ھەربىي-تېخنىكا مۇناسىۋەتلىرىمۇ ياخشى سەۋىيەدە داۋاملاشماقتا. دەرۋەقە، بۇ مۇناسىۋەتلەرنى ئىستىراتېگىيەلىك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنىڭمۇ دەل پەيتى يېتىپ كەلدى، ئەلۋەتتە.

ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان چېگراسىدا يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەر، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتى مۇقىم بولمىسا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رايونلۇق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ رايونسىز ھەمراھى بولالايدۇ. تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مەۋجۇت ۋەزىپىسىنى ساقلاپ قېلىش نىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاقار، ئالدىنقى يىلى قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولغانىدى. يېقىنقى زىيارەتلەر، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇداپىئە ھەمكارلىقىدىكى مۇناسىۋەتلىرىنى يېڭى بىر سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئارزۇسىنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر. ئەنقەرەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نوپۇزىنىڭ كۈچەيتىلىشى، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە قېرىنداشلىق قولىنىڭ ئۇزارتىلىشى جەھەتتىن  تولىمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر. تۈرك كېڭىشى قارمىقىدا دۆلەت مۇداپىئەسى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى پايدىلىق بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر