ئىدلىبتە ئىنسانىيەتكە خىلاپ كىرىزىس

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (05)

1350333
ئىدلىبتە ئىنسانىيەتكە خىلاپ كىرىزىس

ئىدلىبتە ئىنسانىيەتكە خىلاپ كىرىزىس

ئىدلىبتە ئىنسانىيەتكە خىلاپ كىرىزىس

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلمىدە سىلەرگە «ئىدلىبتە ئىنسانىيەتكە خىلاپ كىرىزىس» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

ئەسەد ھۆكۈمىتى قىسىملىرى رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ ياردىمى بىلەن ئۇزۇندىن بېرى ئىدلىبكە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. مۇشۇ ئىككى ئايلىق مەزگىلدىلا 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يۈرت ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى، يەنە مىڭلىغان كىشى ئۆلدى ۋە يارىدار بولدى. ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى يالغۇز ھەربىي نىشانلارنىلا ئەمەس، بەلكى بىۋاستە خەلق ئامىسىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، رايوننى ئالدى بىلەن ئىنسانسىزلاشتۇرۇشقا، ئاندىن كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنماقتا. سۈرىيەلىك قوزغىلاڭچلارغا نىسبەتەن ئاخىرقى قەلئە ھېسابلىنىدىغان ئىدلىبتە ھازىر كۆپىنچىسى يۈرت ماكانلىرىدىن ئايرىلغان 4 مىليونغا يېقىن ئىنسان قېيىن شارائىت ئاستىدا ياشىماقتا. تۈركىيە بولسا، بار كۈچى بىلەن بۇيەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە خىلاپ پاجىئەلەرنى توسۇپ قىلىشقا تىرىشماقتا.

تۆۋەندە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاشنىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانىلىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

 

***** ** *** **** *** *****

ئەسەد قىسىملىرى 2018يىلى ئىمزالانغان سوچى ئەھدىنامىسىغا پىسەنت قىلماستىن ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ئارقىدىن رۇسىيەنىڭ ھاۋادىن بومبارىدىمان قىلىشنى باشلىشى بىلەن بىرگە ئىدلىب قايتىدىن توقۇنۇشلارنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى. ئەسەد قىسىملىرى 2019يىلى ئاپرىلدا باشلىغان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ھامانىڭ شىمال تەرىپىدە ئىلگىرىلەشەلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ ۋەزىيەت موروكتىكى تۈركىيە ئارمىيەسى بازىسىنىڭ قورشاۋدا قىلىشى ۋە قوزغىلاڭچىلارنىڭ خان شەيخۇن ناھىيەسىنى قولدىن بېرىپ قويىشى بىلەن نەتىجىلەندى. شۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىشىپ كەلگەن ھۇجۇم ۋە رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە يۈز مىڭىلغان پۇقرا باشقا جايلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. ئىدلىبتە بۇ بارلىق ھۇجۇملار سەۋەبىدىن يۈرت - ماكانلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان پۇقرالارنىڭ سانى 1 مىليون 600 مىڭغا يەتتى.  بۇنىڭدىن باشقا يەنە 322 مىليون دوللارلىق ماددىي زىيان كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. مۇشۇ يېقىنقى ھۇجۇملار نەتىجىسىدە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۇرماندىكى كۆزىتىش پونكىتى ئەسەد قىسىملىرى تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.

2019يىلى دېكابىر ئېيىدىن ئېتىبارەن قىلىنغان ھۇجۇملار تۈپەيلى تەخمىنەن 400 مىڭغا يېقىن سۈرىيە پۇقراسى تۈركىيە چېگراسىغا يېتىپ كەلدى. ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبنىڭ شەرقىي جەنۇبى ۋە ھەلەبنىڭ غەربىدىكى ئىلگىرىلەشلىرى ۋە ھۇجۇملىرى ئارقىلىق چوڭ قاتناش يولىنىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈپ، مارات ئەل نۇمان شەھىرىنى قوزغىلاڭچىلاردىن تارتىۋالدى. رۇسىيە ۋە ئەسەد قىسىملىرنىڭ ئىدلىبتا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان پىلانلىرنىڭ «M4» ۋە «M5» يوللىرىنىڭ كونتىرولۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئىدلىب شەھەر مەركىزىنى قۇرۇغلۇقتىن بومباردىمان قىلالايدىغان ھالغا كېلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

بۇنىڭ ھەممىسىگە رۇسىيە ئىراننىڭ رىغبەتلەندۈرىشى، ھەمدە يەنە خەلق ئولتۇراق جايلىرىنى ۋەيران قىلىپ، خەلقنى كۆچۈشكە زورلاش ۋە بۇ ئارقىلىق سۈرىيەنى باشقۇرغىلى بولىدىغان نۇمۇس قۇرۇلمىسىغا ئىگە قىلىش پىلانى تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا. شۇڭلاشقا خەلق يا كۆچۈشكە مەجبۇر قىلىنماقتا ياكى ئۆلتۈرۈلمەكتە. ئىدلبتە ئۆكتىىچى خەلق ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلىرى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ھۇجۇم نىشانى قىلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالالايمىز.

تۈركىيە بولسا، 12 كۆزىتىش پونكىتى بىلەن ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى ئىدلىبتىكى ئىنسانىيەتكە خىلاپ پاجىئەلىك كىرىزىسنى توسۇپ قىلىشقا تىرىشماقتا. تۈركىيە بىر تەرەپتىن رۇسىيەگە بولغان سىياسىي، دىپلومتىك تەسىرىنى ئىشلىتىش يولىنى ئىزدىنىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا جامائەت پىكرى توپلاپ، ئىدلىب مەسىلىسىدىكى كىرىزىسنى تۆۋەنلىتىشكە تىرشماقتا. بىراق ئەپسۇسكى، خەلقئار جامائەتچىلىك ئىدلىبتىكى مىليونلىغان بىگۇناھ خەلققە ئارقىنى قىلىۋالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر