گ-20دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ۋە شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

1102085
گ-20دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ۋە شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان

دۇنيا رەھبەرلىرى ئارگېنتىنادا چاقىرىلغان گ-20دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر  يىغىنىدا بىر يەرگە جەم بولدى،  يىغىن دائىرىسىدە دۇنيا رەھبەرلىرى بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى. ئۇچرىشىشلاردا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى، ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدا ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى (خاشوقچى)نىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە بۇ جىنايەتنىڭ گۇماندارى ھېسابلىنىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانسىىدا سادىر قىلىنغان قاشىقچى جىنايىتىدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىنىڭ بۇ جىنايەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى بۇ جىنايەتنى تەن ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى يازغۇچىسى جەمال قاشىقچىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن شەخسلەر ئۈستىدە سەئۇدى ئەرەبىستان ئەدلىيە تارماقلىرىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى، لېكىن  قاشىقچىنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى كىمنىڭ بەرگەنلىكى توغرسىىدا ھېلىھەم تالاش-تارتىشلار ئېلىپ بېرىلماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى قاشىقچىنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى بەزى ئەمەلدارلارنىڭ خۇسۇسىي زىددىيەت سەۋەبلىك بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بارلىق دەلىل-ئىسپاتلار سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ قاشىقچى جىنايىتىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسى (CİA)نىڭ قاشىقچى جىنايىتىنى تەكشۈرۈش ئەسناسىدا، بۇ جىنايەتنىڭ پەردە ئارقىسىدا مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقى تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىنىپ كەتتى.

يۇقىرىدا قەيت قىلىنغىنىدەك قاشىقچى جىنايىتى توغرۇلۇق نۇرغۇن تەرەققىيات بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان ئەرەب دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىشتىن سىرت، ئارگېنتىنادا چاقىرىلغان گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغىمۇ ئىشتراك قىلدى. ئەرەب دۇنياسىدىكى ئەمىر ۋە پادىشاھلارنى زىيارەت قىلغان مۇھەممەد بىن سەلمان، دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلىۋاتقان تۇنىسنى زىيارەت قىلدى، بىراق تۇنىس خەلقى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ تۇنىس زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى، نامايىش ئەسناسىدا مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ قاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە بۇيرۇق چۈشۈرگەن بىرىنچى نومۇرلۇق گۇماندار ئىكەنلىكىنى مەزمۇن قىلىدىغان شوئارلار توۋلاندى.

تۇنىس زىيارىتىدىن كېيىن گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشقان مۇھەممەد بىن سەلمان مېھمانخانىدا تۇرماي، ئارگېنتىنادىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىدا قالدى. ئارگېنتىنادىكى بەزى شەخسلەر مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ قاشىقچى جىنايىتى بىلەن چېتىشلىقى بولۇش سەۋەبىدىن ئەدلىيە ئورۇنلىرىغا ئەرز قىلغان بولۇپ،  ئارگېنتىنا سوتىمۇ بۇ ئەرزنامىنى قوبۇل  قىلغانىدى. مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئەسناسىدا نۇرغۇن دۆلەت رەھبىرى بىلەن كۆرۈشمەسلىكى، ھەتتا رەسىمگىمۇ چۈشمەسلىكى ئالاھىدە دىققەت قوزغايدۇ. يىغىن ئەسناسىدا ناھايىتى ئازلا ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان مۇھەممەد بىن سەلماننى فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون مۇخبىرلارنىڭ ئالدىدىلا ئېغىر سۆزلەر بىلەن تەنقىدلىدى.  مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ سەممىي ۋە دوستانە ھالدا كۆرۈشۈشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكادا قاشىقچى جىنايىتى ۋە مۇھەممەد بىن سەلمانغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مۇھىم ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسى بەزى ئالىي پالاتا ئەزالىرىغا قاشىقچى جىنايىتى توغرۇلۇق مەخسۇس ۋاقىپلاندۇرۇش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان. تاراتقۇلارغا يېپىق ھالەتتە ئېچىلغان يىغىندىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالىي پالاتا ئەزاسى كوركېر بىلەن گراھام قاشىقچى جىنايىتىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق جاۋابكارىنىڭ مۇھەممەد بىن سەلمان ئىكەنلىكىدىن قىلچىمۇ گۇمان قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا تۈركىيە سوتىنىڭ مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ئەڭ يېقىن ئىككى ئادىمى توغرىسىدا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشى، نۆۋەتنىڭ مۇھەممەد بىن سەلمانغا كەلگەنلىكىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

گ-20دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تېمىسى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سودا ئۇرۇشى ئىدى. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا ئىمپورت ۋە ئېكسپورت تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ بولۇشى ئامېرىكا دائىرىلىرىنى ئىزچىل بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئورنىغا خىتاينى جازالاندۇرۇش يولىنى تۇتتى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتاينى جازالاندۇرۇشنى قارار قىلىشىغا قارىتا، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئامېرىكا ماللىرىغا ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلدى. نەتىجىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا ئۇرۇشى پارتىلدى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سودا ئۇرۇشى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىسادى بارغانچە زورىيىۋاتقان خىتاي، ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى نوپۇزىغا تەھدىت شەكىللەندۈردى. بولۇپمۇ نۇرغۇن ئامېرىكا شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى خىتايغا يۆتكىشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنى تېخمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر