47 – يىلىدا تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە نەزەر (32)

1029893
47 – يىلىدا تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە نەزەر (32)

«47 – يىلىدا تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى»

(دوكتور جەمال دوغاچ ئىپەك)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! بىر قانچە كۈن ئىلگىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا دېپلوماتىك مۇناسۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 47خاتىرە يىلى ئىدى. بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا، 47خاتىرە يىلىدىكى تۈركىيە - خىتاي مۇناسۋەتلىرىنى ئانالىز قىلماقچىمىز. قېنى ئەمىسە دىققىتىڭلار ئاتا تۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى تەتقىقاتچىسى دوكتور جەمال دوغاچ ئىپەكنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك «47 – يىلىدا تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى» تېمىلىق ئانالىزىدا بولسۇن!

**** ** *** *** ** ***** ** * ****

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دېپلوماتىك مۇناسۋەت 1971يىلى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىلىشى بىلەن باشلانغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى بويلىغان ھالدا ئىلگىرىلىدى. بولۇپمۇ 1980يىلىدىن كېيىن ھەمكارلىقلىرىمىزدا ھەرىكەتلىنىش باشلاندى.

2010يىلىدا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزۈلدى. 2010يىلىدا ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىگە چىقىرىلغان مۇناسىۋەتلەر يېقىنقى مەزگىللەردە، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارەتلىرىنىڭ تەسىرىدە تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. بىراق مۇناسىۋەتلەرنى ئىستىراتېگىيەلىك بىر پىلان ئىچىدە كېتىپ بارىدۇ دېيەلمەيمىز، ئەلۋەتتە.

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زورىيىۋاتقان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئىجابىي تەسىرى بولغانلىقىمۇ راس. بىراق تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تاشقى سودىسىدىكى قىزىل رەقىمى كۈنسىرى ئاشماقتا. تۈركىيە 2016يىلىدا خىتايدىن 25 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق مال ئېمپورت قىلىپ، خىتايغا ئاران 2 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلالىدى. بۇ ئەھۋال ھەرگىزمۇ بۇنداق داۋاملىشالمايدۇ.

تۈركىيە خىتاي ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە سىجىللىققا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن خىتايدىن تۈركىيەگە سېلىنىدىغان بىۋاستە مەبلەغلەر ئېشىشى لازىم. بۇ نۇقتىدا 2017يىلىدا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئودوغان بىلەن ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ خىتايدىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ ۋە خىتاينىڭ شىركەتلىرى تېخنىكىلارنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى.

يېقىنقى يىللاردا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىيارەتلەر قويۇقلىشىشقا باشلىدى. خىتاي ۋە تۈركىيە دۆلەت ئەرباپلىرىنىڭ ئۆزئارا زىيارەتلىرىمۇ ئىنتايىن قويۇقلاشتى. تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2017يىلىدا خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشتى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بولسا، 2017يىل ئاۋغۇست ئېيىنىڭ باشلىرىدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى يىغىنىدىن ئىلگىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆتكەن قېتىم يەنە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان 10 - نۆۋەتلىك 5 دۆلەت (بېرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقا) ئالىي دەرىجىلىك رەھبەر يىغىنىغا قاتناشتى. ئەردوغان جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى. 

دەرۋەقە بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە تاشقى سىياسەتتە تاللاشلارنى كۆپەيتىشنى خالايدۇ. بۇ نۇقتىدىن تۈركىيە رەھبەرلىرى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلىدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. خىتاي رەھبەرلەرمۇ تۈركىيەنى ئوتتۇرا شەرقنىڭ كۈچ مەركىزى ۋە «بىر بەلۋاغ، بىر يول» لايىھەسى جەھەتتىن ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان دۆلەت، دەپ قارىماقتا. تۈركىيە رەھبەرلىرى تۈركىيەنىڭ «ئوتتۇرا كارىدور» تىرىشچانلىقىنىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» لايىھەسىگە تولىمۇ ماسلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. چۈنكى ھەر ئىككى دۆلەت قەدىمىي يېپەك يولىنى جانلاندۇرۇشنى نىشان قىلماقتا.

تۈركىيە خىتاينىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىدىغان يولى ئۈستىگە جايلاشقان بىر دۆلەت. تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن ياۋروپا بازازلىرىنى بىر بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان يەر شارى خاراكتېرلىك سودا يولى زەنجىرىنىڭ نۇقتىلىق ھالقىسى ۋە مەركىزىگە ئايلىنىشى خىتايغا چوڭ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.

خىتاي تۈركىيەگە نىسبەتەن گېرمانىيەدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى، يىراق شەرقتە بولسا، ئەڭ بۈيۈك سودا شېرىكى ھېسابلىنىدۇ. 2016يىلىدىن بۇيان خىتاي تۈركىيەنىڭ مال ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەت رىتى بويىچە، 19ئورۇندا، بىراق تۈركىيە مال ئېمپروت قىلىدىغان دۆلەتلەر رىتى بويىچە 1ئورۇندا تۇرماقتا. شۇنىسى ئېنىقكى بۇ يەردە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئېمپورت ۋە ئېكىسپورت سودىسىدا ئېغىر بىر تەڭپۇڭسىزلىق بار. مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن بۇ تەڭسىزلىك يېقىن كەلگۈسىدە چوقۇم تۈزىتىلىشى لازىم.

ئالدىمىزدىكى موزگىللەردە خىتاينىڭ ئۆز - ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشەنگەن ھالدا تېخىمۇ كۈچلۈك تاشقى سىياسەت يۈرگىزىشى ھەرگىزمۇ كۈتۈلمىگەن ئىش بولمايدۇ. چۈنكى شى چىنپىڭ 2017يىلى 18ئۆكتەبىردە سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، خىتاينىڭ چوڭ كۈچ ئىكەنلىكىنى قانچىلىغان قېتىم ئىما قىلىپ ئۆتتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خىتاينىڭ كەمسىتىلىدىغان كۈنلەرنى ئاللى بۇرۇپ ئارقىدا قالدۇرۇپ قويغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ مەدەنىيەتكە ئىگە يەرشارى خاراكتېرلىق چوڭ كۈچكە ئايلىنىپ، قايتىدىن بوي كۆرسىتىدىغان ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19نۆۋەتلىك ئومۇمىي قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان قارارلار بىلەن بۆسۈش خاراكتېرلىك تەرققىياتقا ھازىرلىنىۋاتقانلىقىنى، يېڭى مەزگىلدە تۇرمۇش سەۋىيەسى يۈكسەلگەن، دۇنياغا تېخىمۇ ئېچىلغان، كۈچلۈك ۋە باي دۆلەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىدىغان، ھەتتا نۇرغۇنلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كتىدىغان، ھەم رايون خاراكتېرلىك، ھەم يەر شارى خاراكتېرلىق رولى ۋە تەسىرى كۈچەيگەن بىر خىتاينىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

تۈركىيەمۇ غەربتىكى ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ھەر خىل مەسىلىلەر چىقىۋاتقان بىر پەيتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرى ئەزالىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا. بۇ نۇقتىدىن خىتاينىڭ يەر شارى خاراكتېرلىق سىياسەت ۋە ئى ئىقتىسادتا ئېغىرلىقىنى نامايان قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشى، تۈركىيە خىتاي ھەمكارلىقىدىكى لايىھەلەرنىڭ كۆپىيىشىگە يول ئېچىشى مۇمكىن.

غەربلىك ئىتتىپاقداشلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە مەسىلىلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان بىر مەزگىلدە، خىتاي بىلەن ئىقتىسادى، سىياسى ۋە ھەربىي مۇناسۋەتلىرىنى كۈچەيتىش تۈركىيەنىمۇ قىززىقتۇرىۋاتقان بىر تاللاش بولۇپ قالماقتا. تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقى، كۆپ قۇتۇبلۇق بىر دەۋرگە ئۆزىنى ماسلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، تۈركىيەنىڭ خەلقئارا سىياسەتتە تاللاش ئامىللىرىنى كۆپەيتىش ئارزۇسىنىڭ ئىزھارى ھېسابلىنىدۇ. 

خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مەسىلىلەردىن بىرسى، خىتاينىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشايدىغان ئويغۇر تۈركلىرى مەسىلىدۇر. خىتاي چوڭ بىر دۆلەت بولۇشنىڭ تەققەززاسى سۈپىتىدە ۋە تۈركىيە بىلەن تەرەققىي قىلغان ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سايىسىدا، ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قىلىۋاتقان بېسىملىرىنى يېنىكلىتىشى لازىم. ئەگەر بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن تەقدىردە، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى تىز سۇرئەتتە تەرەققىي قىلالايدۇ ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىيالايدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى تەتقىقاتچىسى دوكتور جەمال دوغاچ ئېپەكنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر