تىكا پەلەستىنگە رامىزانلىق ياردەم يەتكۈزدى

تۈرك ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا (TİKA) پەلەستىننىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا ياشاۋاتقان مىڭ ئائىلىگە ياردەم قىلىش مەقسىتىدە، پەلەستىن ۋەخپىلەر ۋە دىن ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا رامىزانلىق يېمەك-ئىچمەك بولاقلىرىنى تاپشۇردى.

2115715
تىكا پەلەستىنگە رامىزانلىق ياردەم يەتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئىشغال سىياسەتلىرىگە باغلىنىشلىق ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار، 7-ئۆكتەبىر (2023) دە غەززەدە باشلانغان ئۇرۇشتىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيدى.

ئۇرۇشتىن كېيىن كۆپەيگەن ئىشسىزلىق ۋە كەمبەغەللىكتىن باشقا، جەنىن، تۇلكەرىم، كالكىليا، تۇباس، نابلۇس ۋە راماللاھ قاتارلىق شەھەرلەرگە، بولۇپمۇ بۇ شەھەرلەردىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىغا قارىتىلغان بېسىم ۋە ھۇجۇملارمۇ كۆپەيمەكتە.

تىكا پەلەستىننىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا ياشاۋاتقان مىڭ ئائىلىگە ياردەم قىلىش مەقسىتىدە، ئۇن، ياغ، گۈرۈچ، پۇرچاق، مەرجىمەك، قۇرۇتۇلغان چۆپ قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىدىن تەركىپ تاپقان رامىزان بولاقلىرىنى، پەلەستىن ۋەخپىلەر ۋە دىن ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا  تاپشۇردى.

تىكا خادىملىرى يەنە، يېقىنقى كۈنلەردە ھۇجۇملارغا ئۇچرىغان ئەلئامارى مۇساپىرلار لاگېرىنى ئايرىم زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردىكى موھتاج ئائىلىلەرگىمۇ يېمەك-ئىچمەك بولىقى تارقاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر