سەئۇدى ئەرەبىستان تۇنجى قېتىم ئاياللار گۈزەللىك مۇسابىقىسىگە قاتناشتى

سەئۇدى ئەرەبىستان تۇنجى قېتىم مالايشىيادا ئۆتكۈزۈلگەن «2024-يىللىق يەرشارى ئاسىيا خانىم-قىزلار» گۈزەللىك مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.

2104952
سەئۇدى ئەرەبىستان تۇنجى قېتىم ئاياللار گۈزەللىك مۇسابىقىسىگە قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئاياللارنىڭ سودا دۇنياسىغا قەدەم بېسىشى، ماشىنا ھەيدىشى، كىنو، كونسېرت قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى سەلمان، شەرىئەت بىلەن باشقۇرۇلىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇنجى قېتىم بىر ئايالنى گۈزەللىك مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇردى.

رۇمى ئەلقەھتانى ئىسىملىك ​​بىر ياش قىز مالايشىيادا ئۆتكۈزۈلگەن «2024-يىللىق يەرشارى ئاسىيا خانىم-قىزلار» گۈزەللىك مۇسابىقىسىگە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ۋاكالىتەن قاتناشتى.

گۈزەللىك مۇسابىقىسىگە ئاۋسترالىيە، بورنېئو، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، ياپونىيە، تايلاند، فىلىپپىن، سىنگاپور، سەئۇدى ئەرەبىستان، ۋىيېتنام، بېنگال، بېرما ۋە مالايشىيا قاتارلىق 12 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 25 ماھىر قاتناشتى.

مۇسابىقىدە فىلىپپىن ماھىرى دىيان شان ماگ بىرىنچى بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر