ئامېرىكالىق ناخشىچى تايلور سۋىفت «يىللىق شەخس» بولۇپ باھالاندى

ئامېرىكادا نەشر قىلىنىدىغان ھەپتىلىك «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ ئەنئەنىۋى «يىللىق شەخس» راي سىناش نەتىجىسىدە، بۇ يىل (2023) ئامېرىكالىق ناخشىچى تايلور سۋىفت (Taylor Swift) تاللاندى.

2073602
ئامېرىكالىق ناخشىچى تايلور سۋىفت «يىللىق شەخس» بولۇپ باھالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ژۇرنالنىڭ باش تەھرىرى سام جاكوبس (Sam Jacobs): «سۈرىتى ژۇرنالنىڭ باش مۇقاۋىسىغا بېسىلغان تايلور سۋىفت يىللىق شەخس بولۇپ باھالاندى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى ئۆزى يازغان ۋە ئۆز ھېكايىسىنىڭ قەھرىمانى بولغان ناھايىتى ئاز ساناقلىق كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ چېگرالاردىن ھالقىشنىڭ ۋە بىر نۇر مەنبەسى بولۇشنىڭ يولىنى تاپتى. كۈنىمىزدە دۇنيادا ھېچقانداق كىشى باشقا كىشىلەرگە بۇنداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ» دېدى.

مەزكۇر ژۇرنال 2021-يىلى تېسلا (Tesla) ، سپېيس ئېكس (SpaceX) ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى ئېكس (X) نىڭ خوجايىنى ئېلون ماسكنى، 2022-يىلى ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينى «يىللىق شەخس» دەپ باھالىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر