سۈنئىي ئەقىل مال باھاسىغا قانداق تەسر كۆرسىتىدۇ؟

سۈنئىي ئەقىلنىڭ تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىشى مال باھاسىنى چۈشۈرىدۇ، دەپ قارالماقتا.

2070258
سۈنئىي ئەقىل مال باھاسىغا قانداق تەسر كۆرسىتىدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا مەركىزىي بانكاسى (ECB) «سۈنئىي ئەقىلنىڭ كىشىلەرنىڭ ئەمگىكىنى يوققا چىقارغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلار كۆپ مۇبالىغە قىلىۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن» تېمىسى ئاستىدا دوكلات ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا، سۈنئىي ئەقىلگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى تەرەققىياتلارنىڭ، يۇقىرى تېخنولوگىيەلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى قايتىدىن قوزغىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا، سۈنئىي ئەقىلدىن تىببىي ساھەدىن كود تۈزۈشكىچە بولغان ساھەلەرگىچە پايدىلىنىلىۋاتقانلىقىنى، شىركەتلەرنىڭ سۈنئىي ئەقىلگە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشىنىڭ خەلق ئارىسىدا خىزمەتنىڭ كېلەچىكىگە نىسبەتەن ئەندىشەلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا، 16 ياۋروپا دۆلىتىدە سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيەسى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تەتقىق قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا قەيت قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، سۈنئىي ئەقىل خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىغا ئىنتايىن ئاز سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن، ھەتتا بۇ تەسىرلەر چوڭىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيلدى:

«سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيەلىرى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ ۋە ئومۇملىشىۋاتىدۇ. بۇ تېخنولوگىيەلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، مائاشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى، شۇنداقلا بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئىقتىسادىي ئېشىش ۋە باراۋەرلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى يېقىندىن كۆزىتىلمىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر