«ئەدلىيە» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئېممىي مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
تۈركىيەنىڭ داڭلىق «ئەدلىيە» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئېممىي مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.
2066783

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېۋىزىيە سەنئەت ۋە پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سىرتىدا ئىشلەنگەن مۇنەۋۋەر فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا بېرىلىدىغان خەلقئارالىق ئېممىي مۇكاپاتى نىيۇ يوركتا تارقىتىلدى.
20 دۆلەتتىن 14 كاتېگورىيەدە 56 فىلىم – تېلېۋىزىيە تىياتىرى قاتناشتۇرۇلغان مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمدا، ئاي ياپىم شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «ئەدلىيە» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئەڭ ياخشى تېلېنوۋېلا» كاتېگورىيەدە ئېممىي مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.