ت ر ت ۋورلد قىبرىس توغرىسىدا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىدى

يېقىنقى يىللاردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك خىزمەتلىرى دىققەت قوزغاۋاتقان ت ر ت ۋورلد (TRT World) قانىلى قىبرىس توغرىسىدا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىدى.

2064709
ت ر ت ۋورلد قىبرىس توغرىسىدا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ت ر ت ۋورلد قانىلى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40-يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ 50-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالتە قىسىملىق ھۆججەتلىك ئىشلىدى. فىلىمدە قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە مۇستەقىللىق ھېكايىلىرى بايان قىلىنىدۇ.

تۈركچە «مۇستەقىللىق يولى» دەپ ئاتالغان ھۆججەتلىك فىلىمدە، قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ 50-يىللىقىنى خاتىرىلەش نۇقتىسىدىنمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، تۈركىيە، گىرېتسىيە، فىرانسىيە، ئىسپانىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىستا سۈرەتكە ئېلىندى.

قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى باشلانغان ئەرەنكۆيدە بۈگۈنگىچە ئېيتىلمىغان نۇرغۇن ۋەقەلەرگە تەپسىلىي ئورۇن ئاجرىتىلدى.

ت ر ت ۋورلد خادىملىرى ب د ت نىڭ كونتروللۇقىدىكى بىتەرەپ رايوندىمۇ سۈرەتكە ئالدى. سىياسەتچىلەر، سابىق دۆلەت پىرېزىدېنتلىرى، مىنىستىرلار، دىپلوماتلار، ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى مەسئۇللىرى، تارىخچىلار، مۇجاھىدلار، غازىلار ۋە نۇرغۇن گۇۋاھچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 دىن ئارتۇق كىشى زىيارەت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر