سارايېۋۇدىكى «يۇنۇس ئەمرە» ئىنستىتۇتىدا «جۇمھۇرىيەت» ناملىق فىلىم قويۇلىدۇ
بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ پايتەختى سارايېۋۇدىكى «يۇنۇس ئەمرە» ئىنستىتۇتىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىلىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن «جۇمھۇرىيەت» ناملىق فىلىم قويۇلىدۇ.
2056625
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىلىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن «جۇمھۇرىيەت» ناملىق فىلىم، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ پايتەختى سارايېۋۇدىكى «يۇنۇس ئەمرە» ئىنستىتۇتى بىناسىدا 27 – 28 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى، شۇ جاي ۋاقتى 19.00 دىن باشلاپ قويۇلىدۇ.
زىيا ئۆزتان رېژىسسورلۇق قىلغان «جۇمھۇرىيەت» ناملىق فىلىمنى تۈركۇت ئۆزئاقمان سېنارىيەلەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ فىلىمدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى ۋەقەلەر ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ، زامانىۋى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە بىرىنچى جۇمھۇر رەئىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى تۇنجى ئوپېرا ئوينالدى
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۇنجى چوڭ ئوپېراسى پايتەخت رىيادتا ئوينالدى.