تۈركىيەدىكى 19 ئۇنىۋېرسىتېت ياۋروپانىڭ ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلىرى تىزىملىكىگە كىردى
تۈركىيەدىكى 19 ئۇنىۋېرسىتېت «ياۋروپادىكى ئەڭ ياخشى» ئۇنىۋېرسىتىتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدىكى ئالىي مائارىپنى باھالاش ئورگىنى — QS (Quacquarelli Symond) بۇ يىل يولغا قويغان ياۋروپادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار رەتكە تىزىلغان «دۇنيا ئۇنىۋېرسىتېت رەت تەرتىپى: ياۋروپا 2024» ناملىق ھۆججەت رەسمىي ئېلان قىلىندى.
بۇ دائىرىدە، QS ياۋروپا كېڭىشىگە ئەزا 42 دۆلەتتىكى 688 ئۇنىۋېرسىتېتنى باھالاپ چىقتى؛ تىزىملىككە ئاساسلانغاندا، «ياۋروپا مىقياسى» رەت تەرتىپىدە، تۈركىيەدىن ئوتتۇرا شەرق پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 124-، ئىستانبۇل پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 138-، كوچ ئۇنىۋېرسىتېتى 174-، بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى 178- ۋە بوئازىچى ئۇنىۋېرسىتېتى 199- قاتاردىن ئورۇن ئالغان.
ئالدىنقى 500 ئۇنىۋېرسىتېت ئىچىدە سابانچى ئۇنىۋېرسىتېتى 201-، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى 224-، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى 228-، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى 283-، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى 289-، يىلدىز پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 326-، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى 381-، ئىستانبۇل گەلىشىم ئۇنىۋېرسىتېتى 432-، ئابدۇللاھ گۈل ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە گالاتاساراي ئۇنىۋېرسىتېتى 445-، مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى 451-، چانكايا ئۇنىۋېرسىتېتى 455-، ئىستانبۇل بىلگى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە دوقۇز ئەيلۈل ئۇنىۋېرسىتېتى 488- قاتاردىن ئورۇن ئالغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

سۈنئىي ئەقىل مال باھاسىغا قانداق تەسر كۆرسىتىدۇ؟
سۈنئىي ئەقىلنىڭ تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىشى مال باھاسىنى چۈشۈرىدۇ، دەپ قارالماقتا.