كۇۋەيت «باربىې» ۋە «مەن بىلەن پاراڭلاش» ناملىق فىلىملەرنىڭ قويۇلۇشىنى چەكلىدى

كۇۋەيت ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە ئۆرپ- ئادەتنى قوغداش ئۈچۈن «Barbie» ۋە «Talk to Me (مەن بىلەن پاراڭلاش)» قاتارلىق كىنولارنى چەكلىدى.

2022924
كۇۋەيت «باربىې» ۋە «مەن بىلەن پاراڭلاش» ناملىق فىلىملەرنىڭ قويۇلۇشىنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇۋەت رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — كۇنانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۇۋەيت ئۇچۇر – ئالاقە مىنىستىرلىقىنىڭ مەتبۇئات ۋە نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى، كىنو - فىلىملەرنى نازارەت قىلىش كومىتېتى باشلىقى لافىي ئەسسابىئ «باربىې» ۋە «مەن بىلەن پاراڭلاش» قاتارلىق كىنولارنىڭ كۇۋەيتتە قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كومىتېتنىڭ ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە ئۆرپ- ئادەتنى قوغداش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان فىلىملەرنىڭ قويۇلۇشىنى چەكلىگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن سابىئ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: ««كومىتېت بىر فىلىمنىڭ قويۇلۇشىغا رۇخسەت قىلىشتىن ئىلگىرى نامۇۋاپىق كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر فىلىمدە جەمئىيەتنىڭ قىممەت قارىشىغا ماس كەلمەيدىغان ئۇچۇرلار بولسا، ئۇنىڭ قويۇلۇشى چەكلىنىدۇ. بۇ بەلگىلىمە خەلقىمىزنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئەنئەنىسىگە ماس كەلمەيدىغان مەزمۇندىكى ھەر قانداق فىلىم ئۈچۈن كۈچكە ئىگە» دېدى.

لىۋانمۇ باربىې فىلىمىنىڭ «ئەخلاق ۋە دىنىي» قىممەت قاراشلارغا خىلاپ مەزمۇنلارنى ھەمدە قوش جىنىسلىقنى گەۋدىلەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن دۆلەت مىقياسىدا قويۇلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر