ئەردوغان «تەبىئىي»نىڭ خەيرلىك، تاماشىبىنلىرىنىڭ مول بولۇشىنى تىلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت)نىڭ خەلقئارالىق رەقەملىك سۇپىسى «Tabii (تەبىئىي)» نىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى تىلىدى ۋە ئۇنىڭ دەسلەپتە تۈركىيەدە ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1981960
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزىنىڭ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «بىزنى بىرلەشتۈرىدىغان ھېكايىلەرنى بەش خىل تىلدا 25 دۆلەتكە ئاڭلىتىدىغان يېڭى رەقەملىك سۇپىمىز <Tabii>نىڭ يولى راۋان، تاماشىبىنلىرى مول بولسۇن. <Tabii> دەسلەپكى قەدەمدە تۈركىيەدە خەلقىمىزگە ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدۇ. خەيرىلىك بولسۇن» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
موسكۋادىكى تۈرك جامائىتى قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى
رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى تۈرك جامائىتى قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.