تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق رەقەملىك سۇپىسى «تەبىئىي» ئېچىلدى

تۈركىيە رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى- ت ر ت نىڭ خەلقئارالىق رەقەملىك سۇپىسى «Tabii (تەبىئىي)»نى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى بەيكوزدىكى كۇندۇرا زاۋۇتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

1982082
تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق رەقەملىك سۇپىسى «تەبىئىي» ئېچىلدى
altun sobacıı.jpg
altun sobacı.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ت ر ت نىڭ خەلقئارالىق رەقەملىك سۇپىسى «Tabii»نى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، ت ر ت باش مۇدىرى زاھىد سوباجى، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى (AA) نىڭ باش دىرېكتورى سەردار قاراگۆز ۋە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇئاۋىن دىرېكتورى يۈسۈپ ئۆزخان قاتارلىقلار ھەمدە سەنئەت، كىنو - فىلىم، سىياسەت، تەنتەربىيە، سودا ۋە ئېلان دۇنياسىنىڭ سەرخىللىرى قاتناشتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن پائالىيەتتە سۆز قىلىپ: «ت ر ت رەقەملىك سۇپىسى دۇنيا سەھنىسىدە ئىنتايىن ئەستايىدىل بىر ئاكتىيور سۈپىتىدە رىقابەتلىشىدۇ» دېدى.

ت ر ت نىڭ خەلقئارالىق رەقەملىك سۇپىسى «Tabii» نىڭ بەش خىل تىلدا تارقىتىش باشلىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئالتۇن، بۇ سۇپىنىڭ يېڭى تىللارنى ئىلاۋە قىلغان ھالدا يولىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

فاھرەتتىن ئالتۇن تۈركىيەنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە پەقەت ئىستېمال قىلىدىغان ئەمەس، بەلكى ئىشلەپچىقىرىدىغان نۇقتىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنى مەدەنىيەت ساھەسىدىمۇ كونكرېت شەكىلدە نامايان قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز بىزنى بىرلەشتۈرىدىغان ھېكايىلەر بىلەن پۈتۈن دۇنياغا خىتاب قىلىمىز. مەن بۇ تۈرنى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ يۈز يىللىقىغا، <تۈركىيە ئەسىرى> گە تولىمۇ ياراشتى، دەپ قارايمەن» دېدى.

ت ر ت باش مۇدىرى سوباچى ت ر ت نىڭ خەلقئارالىق رەقەملىك سۇپا قۇرۇش ئۈچۈن ئۇزۇندىن بۇيان ئەستايىدىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىزنىڭ تېخىمۇ ئادىل دۇنيا بەرپا قىلىش مۇمكىن، دېگەن شۇئار بىلەن ئاتلىنىپ تەرەققىي قىلدۇرغان رەقەملىك سۇپىمىز دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى يېڭى ماركىسى بولۇش سەپىرىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسماقتا» دېدى.

ت ر ت نىڭ تۈركىيەنىڭ كەڭ دائىرىلىك خاتىرىلەر جۇغلىمىسى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان سوباجى: «بۈگۈن بىزنىڭ ئاۋازىمىز 18 تېلېۋىزىيە قانىلى، 17 رادىيو قانىلى، يەتتە خەلقئارالىق رەقەملىك خەۋەر سۇپىسى، نۇرغۇن قوللىنىشچان ئەپ دېتاللىرى، دۆلەت ۋە خەلقئارا سەۋىيەدىكى ئونلارچە پائالىيەت بىلەن 41 تىل ۋە شىۋىدە دۇنيانىڭ يەتتە قىتئەسىدە ياڭرىماقتا. ت ر ت بۈگۈنلەرگە ئۆزگەرگەن، تەرەققىي قىلغان، زورايغان ھالدا يېتىپ كەلدى. ھەر دائىم دەۋرنىڭ ئېھتىياجى، ھاسىل بولغان يوشۇرۇن كۈچلەرنى مۇھاكىمە قىلغان ھالدا ھەرىكەت قىلىشنى ئاساسىي پىرىنسىپى قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز دۇنيانىڭ ئائىلىگە يۈزلەنگەن مەزمۇن ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ئاساسلىق قانال بولىمىز. كىنو - تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىمىزدىن باشقا، پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن يىپيېڭى سىزما مەزمۇنلارنى روياپقا چىقىرىپ، بىزگە ئىشىنىدىغان ئائىلىلىرىمىزنىڭ يېڭى رەقەملىك ئۆيىگە ئايلىنىمىز. ت ر ت نىڭ خەلقئارالىق رەقەملىك سۇپىسى دەسلەپكى قەدەمدە تۈركچە، ئىنگلىزچە، ئىسپانچە، ئوردۇچە ۋە ئەرەبچە مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپىدۇ. 30 يېڭى كىنو - فىلىم ۋە 184 بۆلۈم بىلەن ئېچىلىش باسقۇچىغا كەلگەن ئەڭ مول مەزمۇنلۇق رەقەملىك سۇپا ئۇنۋانىنى ئالىدۇ. ياخشى تۈرلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيەنىڭ ياقتۇرۇشقا ئېرىشكەن كىنو – فىلىملىرىمۇ ئورۇن ئالىدىغان سۇپىمىز 7 - ماي دۆلىتىمىزدە تاماشىبىنلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلىدۇ» دېدى.

سوباچى يەنە، ت ر ت نىڭ خەلقئارالىق رەقەملىك سۇپىسى «Tabii»نى «www.tabii.com» ناملىق تور بەت ئارقىلىق زىيارەت قىلغىلى بولىدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تۈركىيەدىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ھەقسىز بولىدىغانلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى بەردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئارگېنال تېمىلار بىلەن تاماشىبىنلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقان خەلقئارا رەقەملىك سۇپىدا ئېلىشىش، كومېدىيە، تارىخىي دراما، كارتون فىلىم قاتارلىق رەڭگارەڭ نۇرغۇن مەزمۇنلار بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر