گرىنلەند مۇز قاتلىمىنىڭ ئېرىش سۈرئىتى خەتەرلىك سەۋىيەگە يەتكەن

گرىنلەند مۇز قاتلىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېرىشى سەۋەبىدىن، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە دېڭىز يۈزى سەۋىيەسىنىڭ 1.27 سانتىمېتىر ئۆرلەش مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1905103
گرىنلەند مۇز قاتلىمىنىڭ ئېرىش سۈرئىتى خەتەرلىك سەۋىيەگە يەتكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېيىل ئونلاين (Mail Online) خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن دانىيەنىڭ ئالىملىرى گرىنلەندنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مۇز قاتلىمىنىڭ ئېرىش سۈرئىتىنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئالىملار مۇز قاتلىمىنىڭ ئېرىشىنى 2012-يىلدىن تارتىپ سۈنئىي ھەمراھ مەلۇماتلىرى ۋە رەقەملىك مودېللار ئارقىلىق تەتقىق قىلغان بولۇپ، ئېرىش سۈرئىتى مۇشۇ ھالەتتە داۋاملاشقان ئەھۋالدا 2100-يىلغىچە دېڭىز يۈزى سەۋىيەسى 1.27 سانتىمېتىر ئۆرلەيدىكەن.

مۇز قاتلىمىنىڭ 2011-يىلدىن بۇيان تەخمىنەن ئۈچ مېتىر نىپىزلىگەنلىكى ۋە بۇنىڭ گرىنلەند دېڭىز قىرغىقىدىن ئىچكى قىسىمغا قاراپ ئەڭ ئاز دېگەندە 200 كىلومېتىرغىچە كېڭەيگەنلىكى قەيت قىلىندى.

گرىنلەندنىڭ شەرقىي شىمالىدا ھۆل-يىغىننىڭ ئاز بولۇشى سەۋەبىدىن مۇز قاتلىمىدىكى ئېرىشنىڭ ئورنىنى تولۇقلىيالمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى «تەبئەت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر