ھاۋانادا تۈركىيە – كۇبا فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
كۇبانىڭ پايتەختى ھاۋانادا، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «تۈركىيە – كۇبا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 – يىللىقى» تېمىلىق فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.
1900960
![ھاۋانادا تۈركىيە – كۇبا فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/fbf8/ab7b/65f3/6362113287300.jpg?time=1718766015)
![turkiye-kuba sergi.jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/f918/6309/2e2e/636211c4c11eb.jpg?time=1718766015)
![havana turkiye-kuba sergi.jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/fbf8/ab7b/65f3/6362113287300.jpg?time=1718766015)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ھاۋانادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ۋەھبى ئەسگەل ئەتەنسەل، تارىخىي ئىنقىلاب مەيدانىغا جايلاشقان ھاۋانا دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، بۇ لايىھەنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، كۇبا دائىرىلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
كۇبا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان ئېلىنا كاسېرا مېسا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە تۈركىيە ئەلچىخانىسى بىلەن تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى.
ئىگىلىنىشىچە، كۆرگەزمە ئۇدا بىر ھەپتە داۋاملىشىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![موسكۋادىكى تۈرك جامائىتى قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/8e6a/2853/0aaf/666fd7abbd4f1.jpg?time=1718766015)
موسكۋادىكى تۈرك جامائىتى قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى
رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى تۈرك جامائىتى قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.