ئەردوغان يۈسۈف ئىسلام كونسېرتىنى كۆردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنگىلىيەلىك مۇزىكانت يۈسۈف ئىسلامنىڭ كونسېرتىنى كۆردى.

1897347
ئەردوغان يۈسۈف ئىسلام كونسېرتىنى كۆردى
erdogan yusuf islam konser2.jpg
erdogan yusuf islam konser1.jpg
erdogan yusuf islam konser.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Cat Stevens» ناملىق پىلاستىنكىلىرى بىلەن 1960 – ۋە 1970 – يىللىرى داڭ چىقارغان،  1977 – يىلى مۇسۇلمان بولۇشنى تاللىغاندىن كېيىن، ئىسمىنى «يۈسۈف ئىسلام» غا ئۆزگەرتكەن ئەنگىلىيەلىك سەنئەتكار، پايتەخت ئەنقەرەدىكى بەشتەپە مىللىي قۇرۇلتاي ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە كونسېرت بەردى.

كونسېرتنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوقتاي، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىچكى كابېنت ئەزالىرى، يۈسۈف ئىسلامنىڭ رەپىقىسى فائۇزا مۇبارەك ئەلى ۋە ئوغلى مۇھەممەد ئىسلاممۇ كۆردى.

ئەنگىلىيەلىك مۇزىكانت،  ناخشا ئارىلىقىدا مېھمانلار بىلەن پاراڭلىشىشقىمۇ سەل قارىمىدى.

كونسېرتتا، ئۆزىنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى ئورۇندىغان ئەنگىلىيەلىك مۇزىكانت يۈسۈف ئىسلام، سەھنىدە بىر سائەتتىن كۆپرەك تۇردى.

يۈسۈف ئىسلام، كونسېرتتىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا گىتار سوۋغا قىلدى.

ئەمىنە ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۇنياغا داڭلىق مۇزىكانت يۈسۈف ئىسلام ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تۈركىيەدە كۈتۈۋالغانلىقلىرىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «يۈسۈف ئىسلام، مۇزىكىنىڭ ئالەمشۇمۇل تىلىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئەسەرلىرى بىلەن قەلبىمىزنى لەرزىگە سالدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ خەلق شائىرىمىز يۇنۇس ئەمرەدىن ئىلھام ئالغان مېلودىيەسى بىزنى ھاڭ – تاڭ قالدۇردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر