توكيو كىنو - فىلىم فېستىۋالى باشلاندى

ياپونىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق خەلقئارالىق كىنو – فىلىم پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان توكيو خەلقئارا كىنو – فىلىم فېستىۋالى، بۇ يىل 35-قېتىم كىنو – فىلىم ھەۋەسكارلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

1897290
توكيو كىنو - فىلىم فېستىۋالى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 107 دۆلەت ۋە رايوندىن ئەۋەتىلگەن 1695 كىنو - فىلىم ئىچىدىن تاللانغان 15 فىلىم فېستىۋالنىڭ كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.

ياپونىيەنىڭ «دېرىزىدىن»، «مەنمەنچى» ۋە «تاغلىق ئايال» قاتارلىق فىلىملىرى فېستىۋال ئىشتىراكچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ كىنو فېستىۋاللىرىنىڭ بىرى دەپ قارالغان ۋە كوۋىد -19 ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئىككى يىل توختىتىپ قويۇلغان توكيو خەلقئارا كىنو – فىلىم فېستىۋالىدا 169 فىلىم كۆرسىتىلىدۇ، فېستىۋال 2 – نويابىردا ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر