تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى سېربىيەدە مۇھتاجلارغا رامىزانلىق يېمەكلىك تارقاتتى

تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى  بىلەن گېرمانىيەدىكى دىنىي ئىشلار تۈرك - ئىسلام بىرلىكى سېربىيەدە مۇھتاجلارغا 1500 كىشىلىك رامىزانلىق يېمەكلىك تارقاتتى.

1812595
تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى سېربىيەدە مۇھتاجلارغا رامىزانلىق يېمەكلىك تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رامىزانلىق يېمەكلىكلەر، تۈركىيەنىڭ بېلگراد ئەلچىخانىسى ئاممىۋى ئىشلار مەسلىھەتچىلىك ئىشخانىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 10 شەھەر ۋە 13 ئوخشىمىغان نۇقتىدا مۇھتاجلارغا تارقىتىلدى.

تۈركىيەنىڭ بېلگراد ئەلچىخانىسى ئاممىۋى ئىشلار مەسلىھەتچىلىك ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئەرتۇغرۇل جوشقۇن، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ھەر يىلدىكىگە ئوخشاشلا، بۇ يىل رامىزان ئېيىدىمۇ تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى  بىلەن گېرمانىيەدىكى دىنىي ئىشلار تۈرك - ئىسلام بىرلىكىنىڭ ياردەم سەۋەپەرلىكى پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، سېربىيەنىڭ بېلگراد ۋە يېڭى بازارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بور، نىش، پرېشوۋا، پرىبوي، سجېنىتسا، تۇتىن، مالى زۋورنىك ۋە نوۋى ساد قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە رامىزانلىق يېمەكلىكلەر يەتكۈزۈپ بېرىلدى. ئىلاھىي رەھمەت ئېيى رامىزاندا، كۆڭۈل جۇغراپىيەمىزنى ئۇنتۇپ قالمىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئامانەتلىرى، قېرىنداشلىرىمىز ۋە دىنداشلىرىمىزغا سالاملار بىلەن يەتكۈزۈپ بېرىلدى، بۇ ئامانەتلەر دۇئالار ۋە تەبەسسۇملار ئارقىلىق قارشى ئېلىندى. ئاللاھ بارلىق ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلسۇن. دۇنيادا ياخشىلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن مەزلۇملارنىڭ دەرتلىرىگە دەرمان بولۇش يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتقانلارنى ھەمىشە دائىم قىلسۇن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر