مۇبارەك «ئۈچ ئايلار» 2 – فېۋرال باشلىنىدۇ

ئىسلام ئالەمىدە  «رەجەپ»، «شابان» ۋە «رامىزان» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەھمەت، بەرىكەت ۋە مەنىۋى يېڭىلىنىش مەۋسۇمى بولغان مۇبارەك «ئۈچ ئايلار» 2 – فېۋرال چارشەنبە كۈنى باشلىنىدۇ.

1770128
مۇبارەك «ئۈچ ئايلار» 2 – فېۋرال باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇلمانلارغا دىنىي ھېسسىياتلىرى ۋە قويۇق ئىبادەتلىرىنىڭ ئىلكىسىدە كۈندىلىك ھاياتلىرىغا نەزەر تاشلاش، ئۆزلىرىنى يېڭىلاش ۋە مەنىۋى ھاياتلىرىنى بېيىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغان مۇبارەك «ئۈچ ئايلار»، بۇ يىلمۇ پۈتكۈل دۇنيانى قورشىۋالغان «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا كۈتۈۋېلىنىدۇ.

«رەغائىب» «مىراج» ۋە «بەرات» قەندىللىرى بىلەن «قەدىر كېچىسى» گە ئوخشىغان مەخسۇس كېچىلەر ئىدراك قىلىنىدىغان مۇبارەك «ئۈچ ئايلار» دا، «روزا تۇتۇش»، «قۇرئان كەرىم ئوقۇش» ۋە «سەدىقە بېرىش» قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىلىنىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ۋاقىت ھېسابلاش بۆلۈمىنىڭ «vakithesaplama.diyanet.gov.tr» تور بېكىتىدىن ئورۇن ئالغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، رەجەب ئېيى پەيشەنبە كۈنىنى جۈمەگە تۇتاشتۇرىدىغان 3 - فېۋرال كېچىسى، «رەغائىب قەندىلى» ئىدراك قىلىنىدىكەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يۈكسەلگەن كېچە بولغان «مىراج قەندىلى» نىڭ 27 – فېۋرال كۈنى، رامىزاننىڭ خۇش خەۋەرچىسى بولغان «بەرات قەندىلى» نىڭ 17 – مارت كۈنى ئىدراك قىلىنىشىدىن كېيىن، «11 ئاينىڭ سۇلتانى»، «ھۇزۇر ۋە بەرىكەت ئېيى» بولغان «رامىزان»  2 – ئاپرېل كۈنى باشلىنىدىكەن.

قۇرئان كەرىمدە «(شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇق» ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان «قەدىر كېچىسى»، «رامىزاننىڭ 27 – كېچىسى» بولغان 27 – ئاپرېلدا ئىدراك قىلىنىدىكەن، ھەمدە مۇسۇلمانلار 2 – ماي كۈنى «روزا ھېيت» نى كۈتۈۋالىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر