سەئۇدى ئەرەبىستان چەت ئەللەردىن ھەر ئاي 2 مىليون ئۆمرە قىلغۇچىنى  قوبۇل قىلىدىغان بولدى

سەئۇدى ئەرەبىستان دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ چەت ئەلدىن ئۆمرە زىيارىتى ئىلتىماسلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە ھەر ئايدا 2 مىليون ئۆمرە قىلغۇچىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1687398
سەئۇدى ئەرەبىستان چەت ئەللەردىن ھەر ئاي 2 مىليون ئۆمرە قىلغۇچىنى  قوبۇل قىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى «SPA» نىڭ خەۋەرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەج ۋە ئۆمرە ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى ئابدۇلفەتتاھ بىن سۇلەيمان كەبىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسجىدى ھەرەمنىڭ چەت ئەللەردىن كېلىدىغان ۋە ئىبادەت مەقسەتلىك زىيارەتچىلەرنى قارشى ئېلشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

بىن سۇلايمان كوۋىد-19 تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلىش ئاساسىدا، كۈنىگە 60 مىڭ ۋە ئايلىق تەخمىنەن 2 مىليون ئۆمرە قىلغۇچىنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىن سۇلايمان مىنىستىرلىقنىڭ قايسى دۆلەتتىن ئۆمرە قىلغۇچىلارنىڭ قانچىىك قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ۋە سان بەلگىلەش جەھەتتە ئالاقىدار ئورگانلار بىلەن  ماسلىسىپ ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

بىن سۇلايمان سەئۇدى ئەرەبىستاندا تەستىقلانغان كوۋىد -19 ۋاكسىنىسى ئەملەنگەن بولۇشنىڭ ئۆمرە قىلىش ۋە مەسجىدى ھەرەم  شۇنداقلا مەسجىدى نەبەۋىدە ئىبادەت قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، چەت ئەلدىن كەلگەن ئۆمرە قىلغۇچىلارنىڭ يېنىدا ۋاكسىنا ئەملەنگەنلىكىگە دائىر ھۆججەتلىرىنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر