سپېيس ئېكس شىركىتىنىڭ سىناق راكېتاسى پارتلاپ كەتتى

ئامېرىكا سپېيس ئېكس (SpaceX) شىركىتىنىڭ ئۇچقۇچىسىز راكېتاسى، سىناق جەريانىدا پارتلاپ كەتتى.

1543254
سپېيس ئېكس شىركىتىنىڭ سىناق راكېتاسى پارتلاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Prototip Starship» راكېتاسى تېكساس ئىشتاتىدا سىناق ئۈچۈن قويۇپ بېرىلدى. راكېتا قويۇپ بېرىلىپ قىسقا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، چۈشۈش جەريانىدا پارتلاپ كەتتى.

ئېگىزلىكى 16قەۋەتلىك بىناغا تەڭ كېلىدىغان راكېتادا تۇنجى قېتىم يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسالغان راپتور (Raptor) دەپ ئاتالغان موتورلار ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئايغا ۋە مارسقا چىققاندا، ئاسترونوملار ۋە 100 توننا يۈك توشۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئىدى.

راكېتادىكى پارتلاشنىڭ يېقىلغۇ بېكىدىكى كاشىلا تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەن بولۇش مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر