TRT مىسلىسىز  مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە

تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنى (TRT) خەلقئارالىق ئاڭلىتىش – تارقىتىش مۇنبەرلىرىدە تەسىر دائىرىسىنى زورايتىش ئىستىراتېگىيەسى سايىسىدا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە.

1425579
TRT مىسلىسىز  مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: TRT نىڭ رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغان «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» ناملىق چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئىنگىلىز، ئەرەب، ئىسپان، رۇس تىللىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قاناللىرىغا يەنە بىرى ئىلاۋە قىلىندى.

TRT نىڭ پاكىستاندا ئۇردۇ تىلىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان يېڭى قانىلى « TRT ئەرتۇغرۇل غازى»، ئېچىلغان كۈندىن ئېتىبارەن ئۇدا 3 ھەپتىدەك قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردى.

« TRT ئەرتۇغرۇل غازى» قانىلى، 18 – 25 – ماي كۈنلىرى 4 مىليون مۇشتەرى ۋە 250 مىليون كۆرۈش بىلەن «Youtube» مۇنبىرىدىكى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان قاناللاردىن بىرى سۈپىتىدە 33 – رەتكە تىزىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر