دانىيە ئىسلام مەركىزىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قەستەنلىك بارمۇ؟

دانىيەدە پەيشەنبە كۈنى كەچتە دانىيە ئىسلام مەركىزىگە تەۋە مەسچىتمۇ جايلاشقان 4 قەۋەتلىك بىنادا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ،  ۋەقەدە قەستەنلىك بولۇش ئېھتىماللىقى تەكشۈرۈلمەكتە.

1414430
دانىيە ئىسلام مەركىزىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قەستەنلىك بارمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى ئوت ئاپىتىدە مەسچىت ئىشلەتكىلى بولماس ھالەتكە كەلگەن ئىدى. دانىيە ئىسلام مەركىزىنىڭ باشلىقى فاتىھ ئالەۋ ئوت ئاپىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

فاتىھ ئالەۋ جەمئىيەت ئىشخانىسى ۋە مەسچىت ئىشلەتكىلى بولماس ھالەتكە كېلىپ قالغان بىنادا 8 يىلدىن بېرى ئىجارىگە ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ساقچىلارنىڭ «ئوت ئاپىتىدە قەستەنلىك بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى، بىراق ئەسلى ھۇجۇم نىشانىنىڭ جامى ئەمەسلىكىنى» تەخمىن قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ساقچىلارنىڭ قولىدا ئىسپات يوق تۇرۇغلۇق نېمىگە ئاساسەن ھۇجۇمنىڭ بىزگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەسلىكىنى ئويلايدىغانلىقىنى بىز بىلمەيمىز. بىزنىڭ پەرىزىمىزچە، مەسچىت مەخسۇس ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان» دېدى.

فاتىھ ئالەۋ دانىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىسلامىي ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھال سوراش ئۇچۇرىلىرى يوللىغانلىقىنى بىراق دانىيەلىك ئەمەلدارلارنىڭ سۈكۈتتە تۇرىۋالغانلىقىنى بايان قىلدى.

فاتىھ ئالەۋ يەنە بىر تەرەپتىن مەسچىتنىڭ سۇغۇرتىسى يوقلۇقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئوت ئاپىتىدە مەسچىتنىڭ بارلىق ئەسلىھەلىرىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

فاتىھ ئالەۋ بىنانىڭ چېقىلىدىغانلىقىنى، مەسچىت ئۈچۈن يېڭى بىر جاي ئىزدەۋاتقانلىقىنى ۋە ساخاۋەتچىلەرنىڭ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر