باھار بايرىمى: ھىدرەللەز

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «باھار بايرىمى: ھىدرەللەز» دېگەن تېمىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1411811
باھار بايرىمى: ھىدرەللەز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھىدرەللەزنىڭ تۈركىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ ئورتاق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

ھىدرەللەز، خىدىر ۋە ئىلياس ئىسىملىرىنىڭ بىرىكىشىدىن تەركىب تاپقان بىر ئىسىم. تۈركىيەدە خىزىر – ئىلياس، ئەدەرلەزى، كاكاۋا، ھافتامال، ئەغرىلجە، ئەغرىجە ۋە ماكېدونىيەدە ھىدەرلەز، ئەردەلەزى، ھەردەرلەزى دېگەندەك ئىسىملار بىلەنمۇ ئاتلىدۇ. ھىدىر ۋە ئىلياسنىڭ توپراق ۋە سۇنىڭ قوغدىغۇچىسى سۈپىتىدە ئىنسانلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىغا، يىلدا بىر قېتىم ئالتىنچى مايدا ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىلىدۇ. 6 – ماي تەبىئەتنىڭ ئويغىنىشى دەپ قارىلىدۇ ۋە باھار كۈنى سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدۇ. بۇ مۇراسىملاردا كېيىنكى يىلنىڭ موللۇق، بەرىكەتلىك، ساغلاملىق، خاتىرجەملىك ۋە بەختلىك بولۇشى ئارزۇ قىلىدۇ.

«باھار بايرىمى: ھىدرەللەز»، 2017 – يىلى جەنۇبىي كورېيەدە چاقىرىلغان ب د ت مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۆكۈمەتلەرئارا كومىتېتى يىغىنىدا، تۈركىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ ئورتاق كۆپ مىللەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر