رەۋانى» ئېتىش ئۇسۇلى ھەققىدە

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تائاملىرىدىن «رەۋانى» ئېتىش ئۇسۇلى.

1253123
رەۋانى» ئېتىش ئۇسۇلى ھەققىدە

رەۋانى» ئېتىش ئۇسۇلى ھەققىدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تاتلىق – تۇرۇملار كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغان «رەۋانى»، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئوردۇسى ئاشخانىسىدىكى بەزى تاماقلارغا ئوخشاشلا ئۇنتۇلۇپ قالغىنى يوق. بۇ تائام ھازىرمۇ ئاشخانىلاردا ۋە ئۆيلەردە ئېتىلىدۇ ۋە ياقتۇرۇلۇپ، ئىستېمال قىلىنىدۇ. «رەۋانى» نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەققىدە مۇنداق بىر رىۋايەت بار. 17 – ئەسىردە سۇلتان 4 – مۇرات ئەرمېنىيەنىڭ ئەرىۋان شەھىرىنى پەتھى قىلىدۇ. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئوردۇسى ئاشخانىسىنىڭ ئاشپەزلىرى بۇ زەپەرنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، شۇ كۈنگىچە ھېچ ئېتىلىپ باقمىغان بىر تائامنى ئېتىدۇ. بۇ تائامنىڭ ئىسمى شۇ دەۋردە ئەرىۋاننىڭ ئىسمى بولغان «رەۋان» كەلىمىسىدىن تۈرلىنىدۇ. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئوردۇسى ئاشخانىسىدىن يادىكار قالغان «رەۋانى» تۈركىيەنىڭ بەزى رايونلىرىدا «سۈنگەر تاتلىقى» ياكى» «قېتىق تاتلىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تائاملىرىدىن «رەۋانى» ئېتىش ئۇسۇلى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تائاملىرىدىن «رەۋانى» ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • 4 دانە تۇخۇم
  • بىر ئىستاكان شېكەر
  • بىر ئىستاكان قېتىق
  • بىر ئىستاكان ياغ
  • بىر ئىستاكان  كېپەكلىك ئۇن
  • ئىككى ئىستاكان ئۇن
  • بىر بولاق ئېچىتقۇ
  • بىر دانە لىموننىڭ رەندىلەنگەن شۆپۈكى
  • 5 ئىستاكان سۇ
  • يېرىم لىمون سۈيى
  • ئىككى قوشۇق كوكۇس ياڭىقى

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تائاملىرىدىن «رەۋانى» ئېتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

  • ئالدى بىلەن، تاتلىقنىڭ شەربىتىنى تەييارلاش ئۈچۈن؛ شېكەر بىلەن سۇنى بىر قازانغا سېلىڭ، ئاندىن، تۆۋەن سەۋىيەدىكى ئوتتا تەخمىنەن 30 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىڭ، ئارقىدىن، لىمون سۈيىنى ئىلاۋە  قىلىپ، ئىللىق ھالغا كېلىشى ئۈچۈن قازاندىن ئېلىڭ.
  • تۇخۇم بىلەن شېكەرنى ئارىلاشتۇرغۇچنىڭ ياردىمى بىلەن شېكەر تاكى ئېرىگەنگە قەدەر ئارىلاشتۇرۇڭ.
  • نۆۋەت بىلەن، ياغنى، قېتىقنى، يالپۇزنى، رەندىلەنگەن لىموننىڭ شۆپۈكىنى، كېپەكلىك ئۇننى، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇننى ۋە ئېچىتقۇنى ئىلاۋە قىلغاندىن كېيىن، ئارىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
  • دوخۇپكىنى سېىق ماي بىلەن ياغلاڭ ۋە خېمىرنى قاچىغا تۆكۈڭ.
  • ئالدىن ئىسسىتىلغان 180 گىرادۇسلىق دوخۇپكىدا 30 مىنۇتتەك پىشۇرۇڭ.
  • دوخۇپكىدىن چىققان ئىسسىق تورتنىڭ ئۈستىگە سوغۇغان شەربەتنى تۆكۈڭ. شەربەت تورتقا تامامەن سىڭگەندىن كېيىن، تورتنى تىلىڭ.
  • ئۈستىگە رەندىلەنگەن كوكۇس ياڭىقىنى سېپىپ، ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر