15 - ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنى ئۈچۈن يېڭى لوگو لايىھەلەندى
فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خائىنلارچە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا «15 – ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنى» ئۈچۈن يېڭىدىن لوگو لايىھەلەندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ تىۋىتتېردىكى رەسمىي ئادرېسىدا يېڭى لوگونى باش سۈرىتى قىلىپ ئىشلىتىشكە باشلىدى.
15 – ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنى دائىرىسىدە تۈركىيە مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەردە ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن تەييارلانغان يېڭى لوگو «www.15temmuz.gov.tr» ناملىق تور بېتىدە ئېلان قىلىندى.
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىستراتېگىيەلىك ۋە خامچوت باشقارمىسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى رەسمىي ئادرېسلىرى، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇننىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسى ۋە مىنىستىرلىقلارمۇ يېڭى لوگونى باش رەسىمى قىلىپ ئىشلەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.