ئەردوغان «قۇتئۇلئەمارە» غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «ئەجدادىمىز يازغان تەڭداشسىز داستانلاردىن بىرىنىڭ، قۇتئۇلئەمارە غەلىبىسىنىڭ 103 – يىلىدا قەھرىمان شېھىت ۋە غازىلىرىمىزنى مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەيمىز» دېدى.

1192252
ئەردوغان «قۇتئۇلئەمارە» غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، قۇتئۇلئەمارە غەلىبىسىنىڭ (1- دۇنيا ئۇرۇشى – ئىراق فىرونتى) 103 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «ئەجدادىمىز يازغان تەڭداشسىز داستانلاردىن بىرىنىڭ، قۇتئۇلئەمارە غەلىبىسىنىڭ 103 – يىلىدا قەھرىمان شېھىت ۋە غازىلىرىمىزنى مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور فاھرەتتىن ئالتۇنمۇ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق قۇتئۇلئەمارە غەلىبىسىنى تەبرىكلەپ، «ئەجدادىمىزنىڭ قەتئىي ئىرادىسى ۋە ۋەتەن سۆيگۈسى بىلەن شانلىق تارىخىمىزغا يېزىلغان ئۇنتۇلماسلىق قەھرىمانلىق داستانلىرىنىڭ بىرى بولغان قۇتئۇلئەمارە غەلىبىسىنىڭ 103 – يىلىدا بارلىق شېھىتلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن. روھلىرى شاد، ماقاملىرى (ئورۇنلىرى) جەننەت بولسۇن» دەپ يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر