«بىر رەھبەرنىڭ تۇغۇلۇشى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان» ناملىق كىتاب ئىراقتا ھەممىنىڭ دىققىتنى تارتتى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا ئېچىلغان 25 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق باغدات كىتاب يەرمەنكىسىدە، ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان «بىر رەھبەرنىڭ تۇغۇلۇشى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان» ناملىق كىتاب كىتاب ھەۋەسكارلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلدى.

2187317
«بىر رەھبەرنىڭ تۇغۇلۇشى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان» ناملىق كىتاب ئىراقتا ھەممىنىڭ دىققىتنى تارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت باغداتتا 25 - نۆۋەتلىك خەلقئارا باغدات كىتاب يەرمەنكىسى باشلاندى.

ئەرەب تىلىدا ھەر خىل ساھەلەردە يېزىلغان مىڭلىغان كىتابلار كۆرگەزمە قىلىنىدىغان بۇ يەرمەنكىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سىياسىي ھاياتىنىڭ مۇھىم قىسىملىرى مەزمۇن قىلىنغان ۋە  ھۈسەيىن بەسلى بىلەن ئۆمەر ئۆزباي تەرىپىدىن يېزىلغان «بىر رەھبەرنىڭ تۇغۇلۇشى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان» ناملىق كىتابنىڭ ئەرەبچە نۇسخىسى كىتاب سۆيەرلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلدى.

باغدات كىتاب يەرمەنكىسىدە تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك باشقا كىتابلارمۇ كىتاب ھەۋەسكارلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

«ئىراق ئوقۇۋاتىدۇ» شوئارى ئاستىدا 21 دۆلەتتىن 600 يەرلىك ۋە چەتئەل نەشرىياتلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن باشلانغان 25 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق باغدات كىتاب يەرمەنكىسى 22 - سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر