تارىخچى كەمال كارپات ئامېرىكادا ۋاپات بولدى

تارىخچى پىروفېسسور دوكتور كەمال كارپات ئامېرىكانىڭ ۋىسكونسىن ئىشتاتىدا 96 يېشىدا ۋاپات بولدى.

1149672
تارىخچى كەمال كارپات ئامېرىكادا ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تارىخ ساھەسىدە نۇرغۇن ماقالە ۋە كىتابلارنى يازغان تارىخچى پىروفېسسور دوكتور كەمال كارپاتنىڭ ياشنىڭ چوڭلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئورگان يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كەمال كارپات 1974-يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتىنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرستېتىنىڭ سىياسىي بىلىملەر كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. ئۇ 1957-يىلى نىيۇ يورك ئۇنىۋېرستېتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي بىلىملەر كەسپىدە دوكتورلۇقىنى ئوقۇپ تاماملىغان.

ئۇ ھاياتى بويىچە نۇرغۇن ئورگانلاردا ئىلمىي خىزمەتلەردە بولغان بولۇپ، ب د ت ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي كېڭىشىدە خىزمەت قىلغان. ئارقىدىن مونتانا ئۇنىۋېرستېتى، نىيۇ يورك ئۇنىۋېرستېتى، پرىنىستون ئۇنىۋېرستېتى، تۈركىيەنىڭ بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتى، ئوتتۇرا شەرق پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرستېتى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرستى، خارۋارد ئۇنىۋېرستېتى، جون خوپكىنس ئۇنىۋېرستېتى، كولومبىيە ئۇنىۋېرستېتى ۋە

 «Ecole des Hautes Etudes en Science Sociales» قاتارلىق جايلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.

ئۇ ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، تۈرك تەتقىقاتلىرى بىرلەشمىسى (The Turkish Studies Association) بىلەن تۈرك تەتقىقاتلىرى ئىدارىسىنىڭ دىرېكتورى بولغان.

پىروفېسسور دوكتور كەمال كارپات ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتلىرى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى بولۇپ خىزمەت قىلغاندىن باشقا، ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتلىرى پىروگراممىسىنىڭ كوردىناتورلۇقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر