باكۇدا تۈرك كىنو فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى

ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا تۈرك كىنو فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى.

1093971
باكۇدا تۈرك كىنو فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجانلىق كىنو ھەۋەسكارلىرى تۈرك كىنولىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

پايتەخت باكۇدا 4-نۆۋەتلىك تۈرك فىلىملىرى فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن مىللىي چۈشەنچە جەمئىيىتى ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان تۈرك فىلىملىرى فېستىۋالىدا 5 فىلىم قويۇلىدۇ.

بۇ قېتىمقى فېستىۋالنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشىغا ھەسسە قوشقانلارغا تەقدىرنامە تارقىتىپ بېرىلدى.

27-نويابىرغىچە داۋاملىشىدىغان فېستىۋالدا 5 فىلىم قويۇلىدۇ.

فېستىۋال دائىرىسىدە ئەزەربەيجانلىق كىنو ھەۋەسكارلىرى مەشھۇر ئارتىس ۋ رېژىسسورلار بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر