نىيۇ يوركتا ئەنئەنىۋى مىننەتدارلىق بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكادا ھەر يىلى نويابىر ئېيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان مىننەتدارلىق بايرىمى (Thanksgiving Day) مۇناسىۋىتى بىلەن تەشكىللەنگەن پىيادە يۈرۈش، ھەر خىل رەڭدار كۆرۈنۈشلەرگە سەھنە بولدى.

1093546
نىيۇ يوركتا ئەنئەنىۋى مىننەتدارلىق بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنئەنىۋى مىننەتدارلىق بايرىمى يۈرۈشى نىيۇ يوركنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدىغان مەنخاتون رايونىدىكى چوڭ باغچىنىڭ غەربىگە جايلاشقان 77-كوچىدا باشلاندى ۋە تەخمىنەن تۆت كىلومېتىرغىچە داۋاملاشتى. ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، يۈرۈشكە قولىدا ھەر خىل بالونلارنى كۆتۈرۈۋالغان مىڭلارچە كىشى قاتناشتى.

نىيۇ يورك ئەتراپىدىكى بەزى مەكتەپلەرنىڭ بارابان ئەترەتلىرىمۇ مىننەتدارلىق بايرىمى يۈرۈشىگە قاتناشتى. نىيۇ يورك ساقچىلىرى يۈرۈش بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر