ئامېرىكادا تارقىلىشچان ۋىرۇس كىچىك بالىالرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
ئامېرىكانىڭ نىيۇ جېرسى ئىشتاتىدىكى فىزىكىلىق داۋالاش مەركىزىدە بايقالغان تارقىلىشچان ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئالتە كىچىك بالا جېنىدىن ئايرىلدى.
1074876
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىيۇ جېرسى تەن ساغلاملىق ئىدارىسى تارقىلىشچان ۋىرۇس توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتقا ئاساسلانغاندا، پاسسىك شەھىرىدىكى بىر فىزىكىلىق داۋالاش مەركىزىدە، كىچىك بالىلار «ئادېنوۋىرۇس» (adenovirüs) دېيىلىدىغان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان. ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئالتە كىچىك بالا جېنىدىن ئايرىلغان، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان 12 بالا بولسا، داۋالاش ئاستىغا ئېلىنغان.
باياناتتا، تارقىلىشچان ۋىرۇس يوقىتىلغىچە مەزكۇر داۋالاش مەركىزىنىڭ بىمار قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ئادېنوۋىرۇس ۋىرۇسى ئىممۇنىت كۈچى ئاجىز كىشىلەردە ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
قۇربان ھېيت پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا قىزغىن تەبرىكلەنمەكتە
خەلق قۇربان ھېيت نامىزى ئۈچۈن بارلىق شەھەرلەردىكى جامىلەرگە يىغىلدى.