ناسىم ئەختەر قۇرئان كەرىمنى كۆچۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن 32 يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى

پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىگە قاراشلىق گۇجرات شەھىرىدە ياشايدىغان ناسىم ئەختەر ئىسىملىك بىر ئايال تولۇق 32 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ قۇرئان كەرىمنى ئۆز قەلىمى بىلەن كۆچۈرۈپ چىقتى.

1063855
ناسىم ئەختەر قۇرئان كەرىمنى كۆچۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن 32 يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناسىم ئەختەر، دۇنيادا مىسلى تېپىلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن خىزمىتىنىڭ مەھسۇلىنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە شەھىرىدىكى قۇرئان كەرىم مۇزېيىغا ھەدىيە قىلدى.

كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ قۇرئان كەرىمنى كۆچۈرۈپ چىقىش جەريانىغا ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئەختەر، «بۇ قۇرئاننى 32 يىل ئىچىدە پۈتكۈزدۈم، ياش ۋاقتىمدا باشلىغانىدىم، ياشانغۇچە داۋاملاشتۇردۇم. ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىم نەتىجىسىدە دۇنيادا مۇشۇنداق بىر خىزمەتنى روياپقا چىقارغان تۇنجى ئايالنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يەتتىم. بۇ مېنىڭ مۇستەقىل خىزمىتىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر