ھىندونېزىيەدە يانار تاغ ھەرىكەتلەندى

ھىندونېزىيەنىڭ لامپۇڭ شەھىرىگە جايلاشقان ئاناك كراكاتاۋ يانار تېغىنىڭ پارتلىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

1055297
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ ھەرىكەتلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە مېتېرولوگىيە كىلىمات ۋە گېئوفىزىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتقا ئاساسلانغاندا، لامپۇڭ شەھىرىگە جايلاشقان يانار تاغ جۈمە كۈنى (21-سېنتەبىر) دىن بۇيان 44  قېتىم  پارتلىغان. يانار تاغدىن ئېتىلىپ چىققان تۇمانلار 200 مېتىر ئېگىزلىككىچە كۆتۈرۈلگەن.

رايوندىكى يانار تاغ ئەتراپىدا ياشايدىغانلارغا بىخەتەر جايلارغا، تارقىلىشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر