سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇنجى ئەرەب فىلىمى مۇشۇ پەيشەنبە كۈنى قويۇلىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان كىنوخانىلىرىدا مۇشۇ پەيشەنبە كۈنى تۇنجى ئەرەب فىلىمى قويۇلىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا كىنوخانىلارنىڭ ئېچىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغاندىن بۇيان تۇنجى ئەرەب فىلىمى مۇشۇ پەيشەنبە كۈنى قويۇلىدۇ.
«فورما»ناملىق فىلىمنىڭ باش رولچىسى مىسىرلىق ناخشىچى داڭلىق ئارتىس تامىر ھۇسنى، ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا مەزكۇر فىلىمنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا 20-سېنتەبىردىن باشلاپ كىنوخانىلاردا قويۇلۇشقا باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ يىل قۇربان ھېيتتا مىسىر ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىدە قويۇلغان بۇ فىلىم سەئۇدى ئەرەبىستاندا قويۇلىدىغان تۇنجى ئەرەب فىلىمى بولىدۇ.
فىلىم پايتەخت رىيادتىكى بىر كىنوخانىدا قويۇلىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئۇچۇر-ئالاقە ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىدىن 2017-يىلى دېكابىردا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كىنوخانىلارغا رۇخسەت بېرىلىشنى مەزمۇن قىلغان قارارنامە ئېلان قىلىنغاندا تۇنجى كىنوخانىنىڭ 2018-يىلى مارتتا ئېچىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.
كىنوخانىلار ئېچىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم « قارا يىلپىز»ناملىق فىلىم قويۇلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
مەۋلۇت قەندىلى بۈگۈن ئىدراك قىلىنىدۇ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلگەن كۈن بولغان مەۋلۇت قەندىلى بۈگۈن ئىدراك قىلىنىدۇ.