چىكاگو تۈرك فېستىۋالى ئاخىرلاشتى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە بۇ يىل 15 – قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن چىكاگو تۈرك فېستىۋالى ئاخىرلاشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىكاگونىڭ دالېي مەيدانىدا «چىكاگو تۈركلەشمەكتە» دېگەن تېما ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋال 3 كۈن داۋاملاشتى؛ فېستىۋال ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان تۈركلەردىن سىرت ئامېرىكىلىقلارنىڭمۇ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىدى.
سەھنە ئۇسسۇللىرى ۋە ئوچۇق ساھە نومۇرلىرى بىلەن تۈركىيەدىن كەلتۈرۈلگەن ياغاچ ئويما، ئەبرۇ، چىنە خىش، مىس، تېرە ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكىگە دائىر ھەرخىل ئەشيالار بىلەن تۈرك تائاملىرى مېھمانلارنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى.
فېستىۋالدا رەسسام سۈھا سەمەرجى، تېرە ئىشلەش ئۇستىسى ۋە ئاقدېڭىز ئەنئەنىۋى قول سەنئەتلىرى جەمئىيىتى باشلىقى سەردال ئىنۆزۈ، مىس مەھسۇلاتلىرى ئۇستىسى ئەرتۇغرۇل ئۈزۈمجۈ ۋە ئويما خەت سەنئەتچىسى سەلامى ئەرفىداننىڭ ئەسەرلىرى قويۇلغان كۆپ ساندا مەخسۇس بوتكىلار ئېچىلدى.
ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرگەن ئامېرىكىلىقلار ئۇسسۇللار ئارقىلىق ماسلاشقان پائالىيەت رەڭدار كۆرۈنۈشلەرگە سەھنە بولدى.
تۈركىيەنىڭ چىكاگودا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ۋە تۈركىيە – ئامېرىكا مەدەنىيەت بىرلىكى پىداكار زاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەت، مىڭلارچە كىشىنى كۈتۈۋالدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
مەۋلۇت قەندىلى بۈگۈن ئىدراك قىلىنىدۇ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلگەن كۈن بولغان مەۋلۇت قەندىلى بۈگۈن ئىدراك قىلىنىدۇ.