ئوسمانلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىقلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا كۆرگەزمە ئېچىلدى

قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا "ھۆججەتلەردە ئوسمانلى دۆلىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىقلىرى مۇناسىۋەتلىرى" ناملىق كۆرگەزمە ئېچىلدى.

972534
ئوسمانلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىقلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا كۆرگەزمە ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت ئارخىپلىرى باش ئىدارىسى، قازاقىستان مىللىي مۇزېيى، تۈركىيەنىڭ ئاستانادىكى ئەلچىخانىسى ۋە يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتىنىڭ ھەمكارلىقىدا، ئاستانانىڭ پايتەخت ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 20-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن "ھۆججەتلەردە ئوسمانلى دۆلىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىقلىرى مۇناسىۋەتلىرى" نامىدا كۆرگەزمە ئېچىلدى. كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشىغا، تۈركىيەنىڭ ئاستانادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نەۋزات ئۇيانىك، دۆلەت ئارخىپلىرى ئىدارىسىنىڭ باش مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر ئۈنال ۋە باشقا نۇرغۇن مېھمانلار قاتناشتى.

كۆرگەزمىدە ئوسمانلى ۋە جۇمھۇرىيەت ئارخىپلىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىقلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئالاقىدار ھۆججەتلەر، سىياسىي مەكتۇپلار، ئەلچىلەرنىڭ بىر-بىرىگە قىلغان سوۋغاتلىرىدىن تەركىپ تاپقان 40 ھۆججەت ئۈلگىلىرى زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئاستانادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نەۋزات ئۇيانىك سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئورتاق تىل، دىن، تارىخ ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

دۆلەت ئارخىپلىرى ئىدارىسىنىڭ باش مۇدىرى ئۇغۇر ئۈنال ئوسمانلى ئارخىپىدا تەخمىنەن 95 مىليون ھۆججەت ۋە 400 مىڭ دەپتەر، ئەنقەرەدىكى ئارخىپتا تەخمىنەن 35 مىليون ھۆججەت ۋە 95 مىڭ دەپتەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: "ئارخىپىمىزدىكى ھۆججەتلەر پەقەت تۈركىيەنىڭ ئۆتمۈشىگىلا ئائىت بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئوسمانلى باشقۇرۇشىدىن ئايرىلغان كۈنىمىزىدىكى 40 تىن ئارتۇق مۇستەقىل دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرمۇ بار" دېدى.

ئاستانادىكى يۇنۇس ئەمرە تۈرك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇدىر ۋەكىلى ئالماگۈل ئىسىنا، بۇ كۆرگەزمىنىڭ كۆپ تەرەپلىك مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر